مۇتەللىپ ئىمىن ئۆزىگە قارىتىلغان پاراكەندىچىلىك توختىتىلمىسا ئەرز قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2013.11.21

ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىسى مۇتەللىپ ئىمىن «ئۇيغۇربىز تورى» دا ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، ساقچىلا ئۆزىگە پاراكەندىچىلىك سېلىشنى توختاتمىسا سوتقا ئەرز قىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

مۇتەللىپ ئىمىن بۇ يىل 15-ئىيۇل بېيجىڭ ئايرودرومىدا ساقچىلار تەرىپىدىن مەجبۇرى ئېلىپ كېتىلىپ، ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم بىر مېھمانخانىدا 72 كۈن نەزەربەند ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇلغان.

ئۇ بۇ يىل 1-ئۆكتەبىر قويۇپ بېرىلىپ خوتەندىكى ئۆيىگە قايتۇرۇلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ پاسپورت ۋە كىملىكى تارتىۋېلىنغان، ئۆزى ساقچىلارنىڭ ئىزچىل پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچراپ كەلگەن. ئاخىرقى قېتىم 18‏-نويابىر كۈنى ساقچىلار ئۇنى لوپ ناھىيىسىدىكى ئۆيىگە يەنە ئىزدەپ كېلىپ پاراكەندىچىلىك سالغان.

مۇتەللىپ ئىمىن 21‏-نويابىر «ئۇيغۇربىز تورى» دا ئېلان قىلغان ئۆچۈر خېتىدە، ئۆزىنىڭ ئەرز قىلىشقا تەييارلىق قىلىپ قويغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بىراق ئەرز قىلىشتىن بۇرۇن جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىدىكى ئالاقىدار كىشىلەرگە يەنە بىر قېتىم چاقىرىق قىلغان. ئۇلارنى تارتىۋېلىنغان بارلىق نەرسىلىرىنى قايتۇرۇپ بەرمىسە، زىيىنىنى تۆلەپ بەرمىسە، مەكتەپكە قايتىپ بېرىشىغا يول قويمىسا، مەھكىمىگە ئەرز قىلىپ، قانۇنى ھوقۇقىنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.