1 - نومۇرلۇق مۇزلۇق يەنە 50 يىلدا پۈتۈنلەي ئېرىپ تۈگەپ كېتىشى مۇمكىن

مۇخبىرىمىز جۈمە
2017.04.29


تەڭرىتاغ تىزمىسىغا جايلاشقان بىرىنچى نومۇرلۇق مۇزلۇقنىڭ ئېرىش قەدىمى تېزلەشكەنلىكى، ئۇنىڭ يەنە 50 يىلدا پۈتۈنلەي ئېرىپ تۈگەپ كېتىشى مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

خىتاي خەلق تورىدا بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيەسى تەڭرىتاغ مۇزلۇقىنى كۆزىتىش - تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ باشلىقى لى جوڭچىن مەزكۇر مۇزلۇقنىڭ ئۆتكەن بىر يىلدا 13 يېرىم مېتىر ئېرىگەنلىكى، ئەگەر مۇشۇ سۈرەت بويىچە بولغاندا بۇنىڭ 50 يىلدىن كېيىن پۈتۈنلەي يوقاپ كېتىش خەتىرىگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

خەۋەرگە قارىغاندا، 2016 - ئاپرېلدىن، 2017 - يىلى ئاپرېلغىچە بولغان ئارىلىقتىكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، مۇزلۇقنىڭ شەرقىي ۋە غەربىي قىرلىرى كۆرۈنەرلىك قىسقارغان، جەمئىي قىسقىرىش قېلىنلىقى 13 يېرىم مېتىر بولغان.

دېڭىز يۈزدىن تەخمىنەن 4 مىڭ مېتىر ئىگىلىككە جايلاشقان 1 - نومۇرلۇق مۇزلۇق ئۈرۈمچىنىڭ ئاساسلىق سۇ مەنبەلىرىدىن بىرى ئىكەن. ئىلگىرى، بۇ مۇزلۇقنىڭ ئۆتكەن 40 يىل مابەينىدە 140 مېتىر نېپىزلىگەنلىكى، ئەتراپىدىكى مۇزلۇق كۆلىمىمۇ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئازايغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

تەڭرىتار مۇزلۇلىرىدا كۆرۈلۇۋاتقان بۇ ئېرىش ھادىسىسى ھەققىدە توختالغان مۇتەخەسسىسلەر ئىلگىرى رادىئومىزغا مۇزلۇقلارنىڭ ئېرىشىگە دۇنيا خاراكتېرلىك كىلىمات ئۆزگىرىشىدىن باشقا، ئادەملەرنىڭمۇ سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

لى جوڭچىن تەڭرىتاغ مۇھىتىنىڭ جىددىي قوغدىلىشى ۋە مۇزلۇقلارنىڭ ئېرىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىشى لازىملىقىنى، ئەگەر شۇنداق بولغاندا مۇزلۇقلارنىڭ ئېرىش قەدىمىنى ئاستىلاتقىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.