26-ئۆكتەبىر كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى مۇدىرى جاۋ گومىڭ پارىخورلۇق جىنايىتى بىلەن سوتلانغان.
خەلق گېزىتى تورى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، جاۋ گومىڭنىڭ خىزمەتتىكى قۇلايلىقىدىن پايدىلىنىپ، نامراتلارنى يۆلەشتىكى باشلامچى كارخانىلارغا ياردەم ئۆسۈملۈك قەرز پۇل بېرىش، يەرنى ھۆددىگە ئېلىش، قۇرۇلۇش تونۇشتۇرۇش، خىزمىتىنى يۆتكەش، ۋەزىپىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە جەمئىي 5 مىليون 393 مىڭ 144 سوم پۇل، مال پارا ئالغانلىقىنى بايان قىلغان.
دەرۋەقە، يەرلىكتىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلاردا خىتاي ھۆكۈمىتى كۈچەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان نامراتلارنى يۆلەش قۇرۇلۇشى ۋە ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى چىرىكلىك ئەڭ ئېغىر ساھەلەر ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان ئىدى. يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەلۇم يېزىسىدىكى بىر كىشى رادىئومىزغا قىلغان سۆزىدىمۇ، يۇقىرىدىن نامراتلارنى يۆلەش نامىدا چۈشكەن مەبلەغنىڭ ھەقىقىي نامراتنىڭ قولىغا بېرىپ بولغۇچە قاتمۇ-قات پارىخور ئەمەلدارلارنىڭ قولىدىن ئۆتۈپ ھېچنېمىسى قالمايدىغانلىقىنى ئىنكاس قىلغان ۋە «ئىلگىرى ئەمەلدارلار ئوچۇق-ئاشكارا يېگەن بولسا، ھازىر يوشۇرۇن يەيدۇ. ئۆزگىرىش بولغىنى يوق» دېگەن ئىدى.
شى جىنپىڭنىڭ «چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش» نامىدىكى كۈرىشىدە نۇرغۇن ئەمەلدار جازالانماقتا. بىراق، كۆپلىگەن خىتاي ئىشلىرى كۆزەتكۈچىلىرى، خىتايدا چىرىكلىكنىڭ پۈتكۈل سىياسىي سىستېما ئۆزگەرمىگۈچە يوقالمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ پەقەت شى جىنپىڭنىڭ سىياسىي رەقىبلىرىنى يوقىتىش ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.