NATO رەھبەرلىرى خىتاينى «دۇنياۋىي خەۋپسىزلىككە خىرىس پەيدا قىلماقتا» دەپ جاكارلىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021.06.22

باش شىتابى بېلگىيەنىڭ بېريۇسسېل شەھرىدىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (NATO) نىڭ رەھبەرلىرى 21-ئىيۇندىكى يىغىندىن كېيىن يازما بايانات ئېلان قىلىپ: «خىتاينىڭ كۆزلەۋاتقانلىرى ۋە قىلىۋاتقانلىرى ئۇنىڭ قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدىغان خەلقئارا تەرتىپلەر ۋە بىزنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىمىز ئۈچۈن سىستېمىلىق خىرىسلارنى پەيدا قىلماقتا» دەپ كۆرسەتتى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن ئەنگلىيەدىكى «يەتتە دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى» (G7) دىن كېيىن NATO يىغىنىغا ئىشتىراك قىلغان ھەمدە ئىتتىپاقداشلار بىلەن خىتاي ھەققىدىكى مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلغان. مۇھاكىمە يىغىنى جەريانىدا ئۇ ئىتتىپاقداشلارنى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان سىياسىي باستۇرۇشلار ۋە زور كۆلەملىك مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇپ: «ئىتتىپاقداشلىرىمىزنىڭ بۇ مەسىلىدە بەزىلىرى باشقىچە پىكىرلەردە بولۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئومۇمىي پىكىر يەنىلا بىزنى مەمنۇن قىلىدۇ،» دېگەن.

بۇ قېتىمقى NATO يىغىنىغا قاتناشقان دۆلەتلەردىن فرانسىيە، گېرمانىيە قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەتلەر خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇئامىلىىسى تۈپەيلىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنى «دۇنيا خەۋپسىزلىكى ئۈچۈن تەھدىت» دەپ جاكارلاشنى «سەل چېكىدىن ئاشۇرىۋەتكەنلىك» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىندا ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن ئامېرىكانىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن، جۈملىدىن بالتىق دۆلەتلىرى بىلەن خىتاي مەسىلىسىدە كەڭ-كۇشادە سۆھبەتتە بولغان. شۇنىڭدەك NATO نىڭ باش سېكرېتارى جېنس ستولتېنبېرگ بىلەن ئىتتىپاقداشلاردىن بىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىسا، قالغانلىرى تېزدىن كوللېكتىپ ئىنكاس قايتۇرۇش مەسىلىسى ھەققىدە ئورتاق چۈشەنچە ھاسىل قىلغان. خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 23-ئىيۇن كۈنى جوۋ بايدېن روسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ئۇچرىشىدىكەن ھەمدە بىخەتەرلىك مەسىلىسى بويىچە سۆھبەتلىشىدىكەن. نۆۋەتتە بەزىلەر ئۇنىڭ «يەتتە دۆلەت باشلىقلىرى» ۋە NATO رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىشىنى پۇتىن بىلەن بولىدىغان سۆھبەتنىڭ ئالدىغا قويۇشى توغرىسىدا ھەر خىل پەرەزلەردە بولماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.