27-سېنتەبىر كۈنى ياپونىيەنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى لىبېرال دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىگە سايلانغان ۋە ھازىرقى باش ۋەزىر فۇمىئو كىشىدانىڭ ئورنىغا باش ۋەزىر بولىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان شىگېرۇ ئىشىبا، «ئاسىياNATO» سىنىڭ يادرو قوراللارغا ئېرىشىشىنى ئويلىشىش زۆرۈرلۈكىنى ۋە ياپونىيە-ئامېرىكا خەۋپسىزلىك شەرتنامىسىنىڭ «ئادەتتىكى دۆلەتلەر» گىمۇ كېڭەيتىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان.
شىگېرۇ ئىشىبانىڭ لىبېرال دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىگە سايلانغان ۋە ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىش ئالدىدىكى باش ۋەزىر فۇمىئو كىشىدانىڭ ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالىدۇ، دەپ قارىلىۋاتقان بىر پەيتتە، بۇ قاراشنى ئوتتۇرىغا قويۇشى دىققەت قوزغىماقتا. «ياپونىيە خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 29-سېنتەبىر بىلدۈرۈشىچە، شىگېرۇ ئىشىبا يۇقىرىقى قاراشنى ئۆزىنىڭ 27-سېنتەبىر جۈمە كۈنى ئامېرىكادىكى ئاقىللار ئامبىرى- «خۇدسۇن ئىنستىتۇتى» نىڭ تورىدا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە ئوتتۇرىغا قويغان.
شىگېرۇ ئىشىبا «ياپونىيە تاشقى سىياسىتىنىڭ كېلەچىكى» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە، «غەربتىكى ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ‹شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى› نىڭ ئاسىيا ۋارىيانتىنى قۇرۇپ، خىتايغا ھەيۋىسىنى كۆرسىتىشتە ئىنتايىن مۇھىم» ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، «رۇسىيە، شىمالىي كورېيە ۋە خىتايدىن كېلىدىغان يادرو قوراللار تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ‹ئاسىيا NATO› سى ئامېرىكانىڭ يادرو قوراللىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشى ياكى يادرو قوراللىرىنى بۇ رايونغا كىرگۈزۈشنى ئالاھىدە ئويلىشىشى كېرەك» ئىكەن.
شىگېرۇ ئىشىبا يەنە ئامېرىكا بىلەن ياپونىيەنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئىمزالىغان ئامېرىكا-ياپونىيە خەۋپسىزلىك شەرتنامىسى ھەققىدە توختىلىپ، «مېنىڭ ۋەزىپەم ئامېرىكا-ياپونىيە ئىتتىپاقداشلىقىنى ئامېرىكا-ئەنگلىيە ئىتتىپاقداشلىقىنىڭ دەرىجىسىگە كۆتۈرۈشتۇر» دېگەن. شىگېرۇ ئىشىبانىڭ قەيت قىلىشىچە، «ياپونىيە-ئامېرىكا خەۋپسىزلىك شەرتنامىسىنى ‹ئادەتتىكى دۆلەتلەر› گە كېڭەيتىشنىڭ شەرت-شارائىتى پىشىپ يېتىلگەن» ئىكەن.
ئەگەر شىگېرۇ ئىشىبا فۇمىئو كىشىدانىڭ ئورنىغا باش ۋەزىرلىك ئورنىغا چىقسا، ئۇ خىتاينىڭ ياپونىيەگە قارىتا ھەربىي ئىغۋاگەرچىلىكى كۈنسېرى كۈچەيگەن، خىتايدا «ياپونىيە ئۆچمەنلىكى» كەڭ تەرغىب قىلىنىپ، ياپونىيە پۇقرالىرىنى ئۆلتۈرۈش ۋەقەلىرىنى ئارقا-ئارقىدىن يۈز بېرىۋاتقان بىر پەيتتە ھوقۇق يۈرگۈزىدىكەن.