ناتونىڭ دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىدا خىتاينىڭ تەھدىتكار دۈشمەن ئىكەنلىكى تەكىتلەندى
2024.07.10
7-ئاينىڭ 10-كۈنى، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى (NATO) نىڭ دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى ئىككىنچى كۈنىگە قەدەم قويدى. يىغىندا ئۇكرائىناغا ياردەم بېرىپ، رۇسىيەگە تاقابىل تۇرۇشتىن باشقا يەنە خىتاي تەھدىتىگە قارشى ھىندى-تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش مۇھىم تېما بولغان.
«ئامېرىكا ئاۋازى» تورىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى بۇ يىغىندا ياۋروپادىكى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، خىتاينىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىغا سېلىۋاتقان تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇشنى ئۈمىد قىلماقتا ئىكەن. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بىر ئەزاسى، «مەن ئۈچىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلامدىكىن دەپ ئەنسىرەيمەن، ئەمما ناتو ئۇنى توختىتالايدۇ» دېگەن.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى مايكېل مەككاۋۇل (Michael McCaul) «ئامېرىكا ئاۋازى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئېيتقان سۆزىدە، ناتونىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسىنىڭ دۈشمەن كۈچلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىكەنلىكىنى، بۇ دۈشمەن كۈچنىڭ ھازىر خىتاي، رۇسىيە، ئىران ۋە شىمالىي كورېيەدىن تەشكىل تاپقان <رەزىل كۈچلەر ئىتتىپاقى> ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «ناتونىڭ ئىلگىرىكى ئاساسلىق دىققەت نۇقتىسى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئىدى، ھازىر بولسا رۇسىيە. ھالبۇكى بىز شى جىنپىڭنىڭ پۇتىن بىلەن بىرلىشىۋېلىپ، رۇسىيەگە ياردەم بېرىۋاتقانلىقىنى ھەم تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرىگە تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى بىلىمىز. ھازىر پۇتىن، شى جىنپىڭ، ئايەتۇللا، كىم جۇڭئېن دېگەنلەر <رەزىل كۈچلەر گۇرۇھى> بولۇپ شەكىللەندى. ئۇلار بىز ئۈچۈن ئاساسلىق تەھدىت».
ناتونىڭ باش كاتىپى جىنس ستولتېنبېرگ(Jens Stoltenberg) مۇخبىرلارغا بەرگەن جاۋابىدا، «ئۇكرائىنا ئۇرۇشى خىتاي، رۇسىيە ۋە شىمالىي كورېيەنىڭ نەقەدەر يېقىن دوست ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. خىتاي رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان تاجاۋۇزچىلىق ھۇجۇمىغا يەل بېرىۋاتقان ئاساسلىق دۆلەت. خىتاي ناتو بىلەن ئامېرىكانىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئەگەر پۇتىن ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلسا، پۇتىن بىلەن شى جىنپىڭنىڭ خورىكى تېخىمۇ ئۆسۈپ كېتىدۇ. خۇددى ياپونىيە باش ۋەزىرى ئېيتقاندەك، بۈگۈنكى ئۇكرائىنا بەلكىم كەلگۈسىدە شەرقىي ئاسىيا بولۇپ قېلىشى مۇمكىن» دېگەن.
ياپونىيە باش ۋەزىرى فۇمىئو كىشىدا (Fumio Kishida) 2024-يىل 4-ئايدا ئامېرىكادا زىيارەتتە بولغاندا يۇقىرىقى سۆزنى ئېيتقان بولۇپ، بۇ يىل 6-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇكرائىنا تىنچلىق يىغىنى» دىمۇ ئۇنى تەكىتلىگەن ھەمدە ياپونىيەنىڭ شۇنى كۆزدە تۇتۇپ، رۇسىيە ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلغاندىن باشلاپلا رۇسىيەنى جازالاپ، ئۇكرائىناغا ياردەم بېرىشكە باشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.