NATO نىڭ نىشانى خىتايغا يۆتكىلىشكە باشلىدى

ھازىر ئاللىقاچان دۇنياۋى ۋاباغا ئايلىنىپ كەتكەن ۋە ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ «خىتاي ۋىرۇسى» دەپ ئاتىغان تاجسىمان ۋىرۇسى دۇنيانىڭ خىتاي ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىدە قاتتىق بىر سىلكىنىش پەيدا قىلغانلىقى مەلۇم.

«مالىيە ۋاقتى» ژۇرنىلىنىڭ 8-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (NATO) ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەرنى خىتايغا قارشى ھەربىي ئىتتىپاققا قاتنىشىشقا دەۋەت قىلىشقا باشلىغان. تەشكىلات رەئىسى، نورۋېگىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى جېنس ستولتېنبېرگ ئامېرىكادا ئېچىلغان مۇھاكىمە يىغىنىدا بۇ سۆزنى قىلغان ھەمدە خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ۋە تېخنىكا جەھەتتىكى تەرەققىياتىنى دەسمايە قىلىپ ئەركىنلىك ئالىمىگە ۋە شەخسلەرگە غايەت زور تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. خەۋەردە خىتاينىڭ تور دۇنياسى، شىمالىي مۇز ئوكيان ۋە ئافرىقادا ئۆز تەسىرىنى زورايتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلىپ: «بىز بېيجىڭنى NATO ئۈچۈن يېڭى دۈشمەن ئەمەس، دەپ كېلىۋاتىمىز. ئەمما بىزنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىمىز خىتاينىڭ باش كۆتۈرۈشىنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى مۇھاكىمە قىلىشقا تۇنجى قېتىم بىردەك قوشۇلدى،» دېگەن.

«ياۋرو-ئاسىيا ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 8-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى قانداق يوسۇندا داۋاملاشتۇرۇش ھەققىدە بۇ قېتىمقى ۋابادىن كېيىن رەسمىي قارار ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ستولتېنبېرگ مۇشۇ ئەھۋاللارنى بىرلەشتۈرگەن ھالدا: «بىز ئاۋسترالىيە، يېڭى زېلاندىيە ۋە ياپونىيە بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ خىتاينىڭ باشقىلارنى بوزەك قىلىشقا ئۇرۇنۇشى ۋە تار يەرگە قىستىشىغا قارشى تۇرۇشىمىز لازىم،» دېگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتە ھەربىي قۇۋۋەتتە غوللۇق ھېسابلىنىدىغان ئامېرىكا ياكى رۇسىيە ئەمەس، ئەكسىچە ھەربىي ئىشلارغا سالغان مەبلىغى دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان خىتاي بارغانسېرى كۆپلىگەن دۆلەتلەر ئۈچۈن ئېغىر تەھدىت بولۇپ قالماقتا ئىكەن. بۇ ئەھۋالدا ئۇلارنىڭ خىتايدىن كېلىۋاتقان تۈرلۈك تەھدىتلەرگە قارشى ئىتتىپاق ھاسىل قىلىشى بارغانسېرى كۆپ ساھەنىڭ ئورتاق تەكلىپىگە ئايلىنىپ قالماقتا ئىكەن.