شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى روسىيەنى بۇ «بىمەنە ئۇرۇش» نى توختىتىشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022-02-25
Share

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى 25-فېۋرال جىددىي سىن يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، رۇسىيەنى «بۇ بىمەنە ئۇرۇشنى توختىتىشقا، ھەربىي ھۇجۇمغا دەرھال خاتىمە بېرىشكە، بارلىق قىسىملىرىنى ئۇكرائىنادىن چېكىندۈرۈشكە، سۆھبەت يولىغا قايتىپ كېلىشكە ۋە تاجاۋۇزچىلىقتىن ۋاز كېرچىشكە» چاقىرغان.

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىندا بارلىق رەھبەرلەر رۇسىيەنىڭ ئ‍ۇكرائىنانى سەۋەبسىز ۋە يولسىز ھالدا ئىشغال قىلىشىغا قارىتا ئورتاق ئىنكاس قايتۇرۇشقا قوشۇلغان. بۇ يىغىنغا يەنە ش ئا ئە ت نىڭ يېقىن شېرىكلىرىدىن فىنلاندىيە، شۋېتسىيە شۇنداقلا ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ قاتناشقان.

ش ئا ئە ت رەھبەرلىرىنىڭ باياناتىدا «رۇسىيەنىڭ ھەركىتىگە قارىتا ش ئا ئە ت نىڭ ھەيۋە قىلىش كۈچى ۋە مۇداپىيىەسى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان تەدبىرلەرنى ئالىمىز. ئىتتىپاقداشلار ‹ۋاشىنگتون شەرتنامىسى› نىڭ 4-ماددىسىغا ئاساسەن مۇزاكىرىلەردە بولدى. پۈتۈن ئىتتىپاقداشلىرىمىزنىڭ بىختەرلىكى ۋە مۇداپىيەسىنى قوغداش ئۈچۈن پۈتۈن زۆرۈر تەدبىرلەرنى ۋە قارارلارنى ئېلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز،» دېيىلگەن. بۇنىڭ ئالدىدا ئامېرىكا پرېزىدېنتى بايدېن، رۇسىيە ئىقتىسادىنىڭ ھالقىلىق پۇل-مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىغا، شىركەت ۋە شەخسلەرگە قارىتا ئەتراپلىق ۋە ئەجەللىك ئىمبارگو يۈرگۈزىدىغانلىقى، ش ئا ئە ت قىسىملىرىغا بولغان ھەربىي ياردەمنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

خەلقارا تاراتقۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە خىتاينىڭ رۇسىيەگە تۇتقان مۇئامىلىسى «خىتاي رۇسىيەنى يەڭ ئىچىدە قوللاۋاتامدۇ› دېگەن گۇماننى تېخىمۇ كۈچەيتمەكتە ئىكەن. خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا ھەربىي ھۇجۇم قوزغىشىنى «تاجاۋۇزچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىشنى رەت قىلىپ، ئۇنىڭغا ئىمبارگو يۈرگۈزۈشكە قارشى چىققان ئىدى. «نيۇ-يورك ۋاقتىگېزىتى» نىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكا يېقىنقى 3 ئاي مابەينىدە خىتاي تەرەپ بىلەن 6 قېتىم ئۇچرىشىپ، خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ۋە خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندىكى باش ئەلچىسى چىن گاڭغا رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قوشۇن كىرگۈزىدىغانلىقى، خىتاينىڭ رۇسىيە بىلەن سۆزلىشىپ، بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، بىراق خىتاي تەرەپ بۇنىڭغا پەرۋا قىلمىغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت