ناتوغا ئەزا دۆلەتلەر خىتاي تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ يوللىرى ئۈستىدە سۆھبەتلەشكەن
2022.12.01
ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېن، خىتاينىڭ ھەربىي جەھەتتە يوشۇرۇنچە زورىيىيىۋاتقانلىقى ۋە ئۇنىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنىڭ «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى» (NATO) دىكى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ بۇ سۆزلەرنى 30-نويابىر رومىنىيەدە ئېچىلغان ناتوغا ئەزا دۆلەتلەر تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ بىر كۈنلۈك يىغىنىدا تەكىتلىگەن.
ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئىتتىپاقداشلىرىمىز خىتاينىڭ مەجبۇرلاش خاراكتېرلىق سىياسەتلىرىدىن، روسىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقىدىن، شۇنداقلا ئىنتايىن تېز ۋە ئەمما ئوچۇق-ئاشكارىلىتىن خالىي ھەربىي جەھەتتىكى زورىيىشىدىن گۇمانلانماقتا. 30-نويابىر كۈنىدىكى يىغىندا بىز ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن بىرلىتە خىتاي پەيدا قىلىۋاتقان رىقابەتلەرگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ كونكىرېت يوللىرىنى مۇزاكىرە قىلدۇق»
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداش دۆلەتلىرى ھازىر سوغۇق ئۇرۇشتىن كېيىنكى يەنە بىر قېتىملىق دۇنيا تەرتىپىنى قايتا شەكىللەندۈرۈش رىقابىتىگە دۇچ كەلگەن. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى جېنس ستولتېنبېرگ (Jens Stoltenberg) مۇ 1-دېكابىر كۈنى ئېچىلغان بېرلىن خەۋپسىزلىك يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، خىتايغا ئوخشاش مۇستەبىت دۆلەتلەرگە ئىقتىسادىي جەھەتتىن تايىنىپ قېلىشنىڭ ئېغىر ئاقىۋىتى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن.
ئۇ «ئۇكرائىنا ئۇرۇشى بىزنىڭ رۇسىيەنىڭ تەبىئىي گازىغا تايىنىپ قېلىشىمىزنىڭ خەۋپىنى نامايان قىلدى. مانا بۇ بىزنىڭ خىتايغا ئوخشاش باشقا مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرگە تايىنىشتەك ئەھۋالىمىزنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈشىمىزگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك» دېگەن.
ئۇ يوقىرىقى بۇ سۆزلەرنى ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى چارلېز مىشېل (Charles Michel) 1- دېكابىر كۈنى بېيجىڭدا بىر كۈنلۈك زىيارەتتە بولۇۋاتقان ۋە خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەن مەزگىلدە ئېيتقان.