خىتاي ھۆكۈمىتى NATO نى «بىرىنچى نومۇرلۇق دۈشمەن» دەپ ئېلان قىلدى

خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرىشىدىكى «خەلق گېزىتى» 5-ئىيۇلدا مەخسۇس ئوبزور ماقالىسى ئېلان قىلىپ، «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى» (NATO) نى «بىرىنچى نومۇرلۇق خەلق دۈشمىنى» دەپ جاكارلىغان.

خىتاي ئالىي ھۆكۈمرانلىق قاتلىمى كۆپ قېتىم قوللانغان «جوڭ شېڭ» تەخەللۇسىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ماقالىدە «سوغۇق ئۇرۇشنىڭ كونا مۇقاملىرىنى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدا تەكرارلاشقا يول قويۇشقا قەتئى بولمايدۇ» دېيىلگەن. ئەمما «خەلق گېزىتى» گە قارىتىلغان يۈكسەك دەرىجىدىكى كونتروللۇق ۋە نازارەت تۈپەيلىدىن غەرب دۇنياسىدىكى كۆپلىگەن كىشىلەر بۇنداق بىر ماقالىنىڭ ئۇقۇشماسلىق تۈپەيلىدىن ئېلان قىلىنىپ قالمايدىغانلىقىنى، شۇڭا بۇنىڭ خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك كاتتىۋاشلارنىڭ رۇخسىتى بىلەن ئېلان قىلىنغان «ئالاھىدە ئەسەر» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

«ھەپتىلىك خەۋەرلەر» گېزىتىنىڭ 6-ئىيۇلدىكى ماقالىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەيدانىغا باھا بېرىلىپ: «شۈبھىسىزكى، خىتاينىڭ بۇ مەيدانى ئۇلارنىڭ غەرب دۇنياسىغا قارشى مەۋقەسىنىڭ ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى دەلىلى،» دېيىلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى» 29-ئىيۇن ئېلان قىلىنغان ئەڭ يېڭى ئىستراتېگىيەلىك قوللانمىدا تۇنجى قېتىم خىتاينى ئۆزلىرىنىڭ «ئىقتىسادىي مەنپەئەتلىرى، بىخەتەرلىكى ۋە قىممەت قاراشلىرى ئۈچۈن تەھدىت» دەپ قارار ئالغان ئىكەن. شۇ ۋاقىتتا NATO نىڭ باش كاتىپى جېنس ستولتېنبېرگ ئەپەندى (Jens Stoltenberg) ئېنىق قىىلىپ: «بىز خىتاينى رەقىپ ياكى دۈشمەن دەپ قارىمايمىز. ئەمما ئۇلارنىڭ بىزگە قارشى پەيدا قىلىۋاتقان تەھدىتلىرىگە قاراپمۇ ئولتۇرالمايمىز» دېگەن ئىكەن. ئەمدىلىكتە خىتاينىڭ بۇنىڭغا قايتۇرغان ئىنكاسى بۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە ئاشقان ھالدا «بىرىنچى نومۇرلۇق دۈشمەن» دېگەن شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىققان.