ناتو ئەمەلدارى ناتونى خىتاينىڭ رۇسىيەنى قوللىشىنى توسۇشقا چاقىردى

چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى (NATO)، يەنى ناتودا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى جاكۇب لەندوۋىسكىي خىتايغا چوقۇم ئۇنىڭ قائىدىگە رىئايە قىلىشى ھەققىدە سىگنال بېرىش كېرەكلىكىنى ئېيتقان.

«ئاسىيا ئىقتىساد خەۋەرلىرى» (Nikkei Asia) گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى ( (NATO نىڭ ياپونىيەدە زىيارەتتە بولغان ئەمەلدارى جاكۇب لەندوۋىسكىي مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ خىتاينىڭ رۇسىيەنى قوللاش ھەرىكىتىگە ئارىلىشىشنى تەكىتلىگەن.

جاكۇب لەندوۋىسكى مۇنداق دېگەن: «بىز خىتاينىڭ بۇ ساھەدە رۇسىيەنى تېخىمۇ كۆپ قوللىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تىرىشىشىمىز كېرەك. بۇ ئىنتايىن مۇھىم. خىتاينىڭ جەنۇبى دېڭىزدىكى پىلانى ۋە پائالىيىتى خەلقئارا تەرتىپكە جەڭ ئېلان قىلغانلىقتۇر».

شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى بىريۇسسېلدا خىزمەت قىلىدىغان بولۇپ، ئۇلار چەتئەل دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى ئۇچرىشىشى ۋە باشلىقلار يىغىنىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلەشكە مەسئۇل ئىكەن.

لەندوۋىسكىي ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىدىكى باشقا شەخسلەر 12-ئاينىڭ 12-كۈنى ياپونىيەدە ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يوكو كامىكاۋا بىلەن كۆرۈشكەن.

لەندوۋىسكىي بۇ ئۇچرىشىشتا مۇنداق دېگەن: «بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق بىر قىسىم يەر شارى خاراكتېرلىك مەسىلىلەردە خىتاي بىلەن ئالاقىلىشىشىمىز ۋە سۆھبەتلىشىشىمىز كېرەك. شۇنىڭ بىلەن ۋاقىتتا خىتايغا چوقۇم قائىدىگە ۋە خەلقئارا تەرتىپكە رىئايە قىلىشى ھەققىدە سىگنال بېرىشىمىز كېرەك».

«ئاسىيا ئىقتىساد خەۋەرلىرى» گېزىتىنىڭ يېقىندا خەۋەر قىلىشىچە شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى 2024-يىلى توكيودا ئالاقىلىشىش ئىشخانىسى قۇرۇپ، ئۇنى ئاۋسترالىيە، ياپونىيە، يېڭى زېلاندىيە ۋە جەنۇبىي كورېيە بىلەن ھەمكارلىشىشنىڭ مەركىزى قىلىپ ئىشلىتىدىكەن.

بۇ يىل 7 ئاينىڭ 12-كۈنى، لىتۋادا ئۆتكۈزۈلگەن شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنىدا، خىتايغا قارشى كۈچلۈك بايانات ئېلان قىلىنغان. بۇ يىغىنغا قاتناشقان ئاۋسترالىيە، ياپونىيە، يېڭى زېلاندىيە ۋە جەنۇبىي كورېيە رەھبەرلىرى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونى خەۋپسىزلىكىنى قوغداش سېپىگە قېتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، ئۇلار ئېلان قىلغان بىرلەشمە بايانات ئەمەلىيەتتە خىتاي تەھدىتىگە قارشى پوزىتسىيەنى ئىپادىلەيدىكەن.