غەرب دۇنياسىدا ئۆزىنىڭ ئىنگلىزچە ناخشىلىرى بىلەن مۇئەييەن تەسىر قوزغاۋاتقان شىۋېتسىيەلىك ناخشىچى زارا لارسون 4-ئاۋغۇست كۈنى ئۆزىنىڭ خۇاۋېي شىركىتى بىلەن بولغان توختامنى بىكار قىلىۋەتكەنلىكىنى جاكارلاپ «خىتاي مەن ئويلىغاندەك ياخشى مەملىكەت ئەمەس ئىكەن» دېدى.
«ياخۇ خەۋەرلىرى» نىڭ 4-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، زارا مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا «مەن خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر قىلىۋاتقان ئىشلارنى قوبۇل قىلالمىدىم. شۇڭا مەن ئۇيغۇرلار ۋە خوڭكوڭ مەسىلىسىنى قوللايمەن» دېگەن. شۇنىڭدەك خۇاۋېي شىركىتى بىلەن تۈزگەن توختامنى ئەمەلىيەتتە بۇ يىل ئاپرېلدا بىكار قىلىۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، زارا ئۆتكەن يىلىلا خۇاۋېي گۇرۇھىنىڭ ياۋروپادىكى جاسۇسلۇق قىلمىشى ھەققىدە ئۇچۇرلارنى تاپشۇرۇۋالغان ھەمدە بەزىلەرنىڭ «زارا كوممۇنىستىك ھاكىمىيەتكە يار-يۆلەك بولماقتا» دېگەندەك ئەيىبلەشلىرىگە ئۇچرىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 23 ياشقا كىرگەن زارانىڭ بىر قىسىم ناخشىلىرى ياۋروپا ۋە ئامېرىكادا 20 نەچچە مىليون قېتىمدىن ئارتۇق كۆرۈلگەن. ئۇنىڭ يوتۇبې قانىلىدىكى ئەگەشكۈچىلىرىلا ئالتە مىليونغا يېتىدىكەن.