ئۇيغۇر دىيارىدا يېقىنقى 3 يىلدا 3700 دىن ئارتۇق مەمۇرى داۋا نازارەت دېلوسى بىر تەرەپ قىلىنغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022.07.25
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مەمۇرى تەپتىش دائىرىلىرى يېقىنقى 3 يىل ئىچىدە 3700 دىن ئارتۇق ھەر خىل مەمۇرى داۋانى نازارەت قىلىش دېلوسىنى بىر تەرەپ قىلغان. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ مەمۇرى داۋا نازارەت قىلىش دېلولىرىنىڭ 1197 سى مەمۇرىي سوتچىلارنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش نازارەت دېلوسى، 2122 سى مەمۇرىي ئىجرا قىلىشنى نازارەت قىلىش دېلوسىغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئاخبارات ئ‍ىشخانىسى 22-ئىيۇل كۈنى ئاخبارات يىغىنىدا، رايوندا مەمۇرى تەپتىش تارماقلىرى قۇرۇلغان 3 يىلدىن بېرى، جەمئىي 3720 مەمۇرى داۋانى نازارەت قىلىش دېلوسىنى بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى ئېيتقان.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەپتىش ئورگانلىرىدىمۇ چوڭ تەرتىپكە سېلىش ئېلىپ بېرىپ، 2019-يىلى مەمۇرىي تەپتىش مەھكىمىلىرىنى قۇرغان. بۇ مەمۇرىي تەپتىش مەھكىمىلىرى رايوندىكى ئەدلىيە، سوت ۋە باشقا مەمۇرى ئىجرائات ئورگانلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىشقا باشلىغانىدى. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ ئېيتىشىچە، مەمۇرى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ داۋانى بىر تەرەپ قىلىش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ھۆكۈمنى نازارەت قىلىش، ئىجرا قىلىشنى نازارەت قىلىش ۋە تەكلىپلەرنى قوبۇل قىلىش نىسبىتى 99 پىرسەنتكە يەتكەن. لېكىن خەۋەردە، بۇ دېلولارنىڭ كونكرېت تەپسىلاتى توغرىلىق ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەن.

خىتاي ئەدلىيە تارماقلىرىنىڭ، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار رايوندىكى ئەدلىيە تارماقلىرىنىڭ دېلو بىر تەرەپ قىلىش سۈرئىتى ۋە نىسبىتى ئىزچىل كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى ئەندىشىگە سېلىپ كەلگەن مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولغان. ئۇلار بۇ خىل تېزلىك ۋە نىسبەتتە بىر تەرەپ قىلىنغان دېلولاردا ئېغىر ناھەقچىلىك ياكى قانۇنسىزلىق يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەن. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ ئېيتىشىچە، رايوندىكى تەپتىش ئورگانلىرى بۇ يىل 3-ئايدىن باشلاپ مەمۇرىي تەپتىش ۋە نازارەت خىزمىتىنى رايوننىڭ تەبىئىي بايلىق، ئەمگەك ۋە جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش ساھەسىگە قاراتقان.

كۆپ كۆرۈلگەن خەۋەرلەر
قىسقا خەۋەرلەر
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.