سابىق NBA توپچىسى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇمنى ئەيىبلىدى

ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق تاشقى دۇنيادىكى ھەر ساھەنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچراۋاتقاندا دۇنيا مىقياسىدا مىليونلارچە مەستانىلىرى بولغان ئامېرىكا دۆلەتلىك ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى (NBA) نىڭ سابىق توپچىلىرىدىن رويىس ۋايت «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك» شوئارىنى ئاشكارا كۆتۈرۈپ چىقىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش قىلمىىشنى ئەيىبلىدى.

«كۈندىلىك چاقىرغۇ» گېزىتىنىڭ 13-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، رويس ۋايت ئىككى كۈن ئىلگىرى ۋاسكېتبول كوماندىلىرى مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقاندا ئامېرىكا تاماشىبىنلىرىغا تونۇشلۇق بولغان CBS قانىلى ئۇنى مەخسۇس زىيارەت قىلغان. زىيارەت جەريانىدا ئۇ قولىدا «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك» دېگەن ئىنگلىزچە شوئار بېسىلغان مايكا كۈتۈرگەن ھالدا مۇخبىرنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەن. بۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل سۆھبەت جەريانىدا ئۇنىڭ مايكىسىدىكى شوئار تاماشىبىنلارغا كۆرۈنۈپ تۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە سۆھبەت جەريانىدا ئۇ «ھازىر شەرقىي تۈركىستاندا ئىككى مىليون ئادەم يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىلىپ بولدى. ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك تىلەيمەن. چۈنكى بۇ-بىز ھازىر تىلغا ئالمىساق بولمايدىغان مەسىلە بولۇپ قېلىۋاتىدۇ» دېگەن. ئۇ كېيىن ئۆزىنىڭ مۇشۇ ھەرىكەت ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان رېئاللىققا جەلپ قىلماقچى بولغانلىقىنى ئېيتقان.

قىزىقارلىق يېرى، رويس ۋايت ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ئاشكارا يوسۇندا خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، لېكىن كۆپلىگەن ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇ ۋەقەنى تېخىچە تەپسىلىي خەۋەر قىلمىغان. ھازىرچە يالغۇز «جەنۇبىي خىتاي سەھەر ۋاقتى» گېزىتىلا بۇ ھەقتە تەپسىلىي خەۋەر بەرگەن. بەزىلەر بۇ ھالغا قاراپ «مۇشۇنىڭ ئۆزى كۆپلىگەن ساھە خىتايدىن قورقۇپ يۈرگەندە رويىس ۋايتنىڭ ئاشكارا ھالدا ئۇيغۇرلارنى ھىمايە قىلىشى قانچىلىك زور جاسارەتكە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ» دېگەن.

رويس ۋايت شۇ قېتىملىق زىيارەتتىن كېيىن ئۆزىنىڭ تىۋىتتېر بېتىدە ئۇچۇر يوللاپ «كىشىلەر ئادالەت ۋە ھۆرلۈك ھەققىدە سۆز قىلىشنى بىئەپ كۆرۈۋاتقاندا بىز بۇنى تىلغا ئېلىشقا جۈرئەت قىلىشىمىز لازىم. ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك!» دېگەن. ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا NBA نىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى رەنجىتىپ قويماسلىققا تىرىشىپ كەلگەنلىكى بۇ قېتىمقى گېزىت خەۋىرىدە «خىتاي دىكتاتورلىرىغا خۇشامەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ پۇتىغا سۆيۈشتىن باشقا نەرسە ئەمەس» دەپ تەنقىدلەندى.