«خىتايدىكى ئەڭ چوڭقۇر نېفىت قۇدۇقى» تارىم ئويمانلىقىدا كولاندى
2023.01.10
خىتاي ھۆكۈمىتى نەچچە ئون يىللاپ ئۇيغۇر دىيارىدىن نېفىت قېزىۋاتقان بولۇپ، يېقىندا چوڭقۇرلۇقى سەككىز مىڭ مېتىردىن ئاشىدىغان نېفىت قۇدۇقلىرى تارىم نېفىتلىكىدىن قېزىلىشقا باشلىغان.
خىتاي باشقۇرىشىدىكى «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 9-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ خىل قۇدۇقلارنىڭ كۆپىنچىسى سەككىز كىلومېتىردىن ئاشىدىغان بولۇپ، خىتاي تەمىن ئەتكەن نېفىت بۇرغىلاش خەرىتىسىدىكى سان-ساناقسىز چېكىتلەر بۇ خىل قۇدۇقلارنىڭ نۆۋەتتە كۆپلەپ قېزىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن. بۇ خىل قۇدۇقلاردىن ئەڭ يېڭىلىرى 9325 مېتىر چوڭقۇرلۇقتا كولىنىش پىلان قىلىنغان بولۇپ، نۆۋەتتە جىددى قېزىلىشقا باشلىغان. شۇ سەۋەبتىن خىتايلار بۇ قۇدۇققا «خىتايدىكى ئەڭ چوڭقۇر كولانغان نۇقتا» دەپ نام قويۇۋالغان. نۆۋەتتە بۇ قۇدۇقلارنىڭ چوڭقۇرلۇقى «دۇنيادىكى ئەڭ ئىگىز چوققا» دەپ ئاتىلىۋاتقان چومۇلۇڭما (خىتايچە «جۇمۇلاڭما» ) چوققىسىنىڭ ئومۇمىي ئېگىزلىكىدىنمۇ ئېشىپ چۈشكەنلىكى خىتاي ئاخباراتلىرىدىن كۆپلەپ يەر ئالغان.
«خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە ئامبىرى» دەپ ئاتىلىۋاتقان ئۇيغۇر دىيارى يىللاردىن بۇيان خىتاي ئىقتىسادىنىڭ جان تومۇرى بولغان نېفىت، تەبىئىي گاز، كۆمۈر قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نامراتلىق ئىچىدىكى تۇرمۇشى ئىزچىل بۇنىڭغا روشەن سېلىشتۇرما بولۇپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. يېقىنقى مەزگىللەردە بۇ خىل زور كۆلەمدىكى ئېنېرگىيە قېزىش پەيدا قىلىۋاتقان كۆپلىگەن ئىككىلەمچى ئامىللار، جۈملىدىن سۇ بايلىقىنىڭ خوراپ كېتىشى، مۇھىتنىڭ ئېغىر بۇلغىنىشى قاتارلىقلار ھەر ساھەنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغاپ كەلمەكتە.