بۇ يىللىق نوبېل ئىقتىساد مۇكاپاتى 3 ئامېرىكىلىققا بېرىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2013-10-14
Share

بۇ يىللىق نوبېل ئىقتىساد مۇكاپاتى ئېۋگېنى فاما، لارىس پېتېر خەنسېن ۋە روبېرت شېللېر قاتارلىق 3 نەپەر ئامېرىكىلىققا بېرىلدى. نوبېل كومىتېتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ 3 كىشىگە «مال-مۈلك باھاسىنىڭ تەجرىبىچىلىك ئانالىزى» ساھەسىدىكى تۆھپىسى ئۈچۈن، بۇ يىللىق نوبېل مۇكاپاتى لايىق كۆرۈلگەن.

نوبېل كومىتېتى يەنە، ئۇلارنىڭ ئېلىپ بارغان تەتقىقاتى ھازىرقى مال-مۈلك باھاسىنى چۈشىنىشنىڭ ئاساسىنى ھازىرلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئېۋگېنى فاما، پاي چېكىنىڭ ھەقىقىي باھاسىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پەرەز قىلىشنىڭ پەۋقۇلئاددە مۈشكۈللۈكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇرغان. ئۇ، قىسقا مەزگىللىك پاي چېكى باھاسى ھەر ۋاقىت يېڭى ئۇچۇرنىڭ تېز تەسىرىگە ئۇچراپ تۇراقسىزلىق پەيدا بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان.

نوبېل كومىتېتى، فامانىڭ تەتقىقات نەتىجىسى كېيىنكى تەتقىقاتلارغا «چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىپ» بازار ئابورتى ۋە بازار مۆلچەرلەشكە ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يەنە بىر پروفېسسورى لارىس پېتېر خەنسېن، ستاتىستىكا ئىلمىي ئۇسۇلى ئارقىلىق مال-مۈلك باھاسىنى ئۆلچەش نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

يېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسور روبېرت شېللېر، پاي چېكى باھاسىدىكى چۈشۈش ۋە چىقىش ئۆسۈمىنىڭ چىقىش-چۈشۈشىدىن زور دەرىجىدە ھالقىپ كېتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ، 1980‏-يىللاردا ئوتتۇرىغا قويغان بۇ كەشپىياتى ئۈچۈن بۇ يىللىق نوبېل مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈلگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت