ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسى نورۇز پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017.03.26


25-مارت كۈنى ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون شەھىرىدىن ئانچە يىراق ئەمەس، خېرىندون شەھەرچىسىدە ئۇيغۇر جامائىتى ئۈچۈن 2017-يىللىق نورۇز پائالىيىتى تەشكىللىدى.

كەچ سائەت ئالتىدىن ئونغىچە داۋاملاشقان مەزكۇر نورۇز پائالىيىتىگە ۋىرگىنىيە، مەريلاند شتاتلىرىدا ياشايدىغان ۋە باشقا جايلاردىن كەلگەن ئۇيغۇرلاردىن 200 ئەتراپىدا كىشى ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسى رەئىسى ئىلشات ھەسەن مۇراسىمنىڭ ئېچىلىش سۆزىنى سۆزلەپ، كۆپچىلىكنىڭ نورۇزىنى تەبرىكلىدى.

پائالىيەت جەريانىدا ئۇيغۇر ياش ئۆسمۈرلىرى ئۆزلىرىنىڭ تەييارلاپ كەلگەن سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسەتتى ۋە شېئىرلار دېكلاماتسىيە قىلدى. جامائەت بىرلىكتە ۋە ئۆملۈكتە نورۇز كەيپىياتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتى ۋە ئۆزئارا نورۇزلۇق ياخشى تىلەكلىرىنى بىلدۈرۈشتى.

مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر ۋىرگىنىيە، مەريلەند شتاتلىرىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى كۆپىيىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ جامائەت پائالىيەتلىرىگە بولغان قىزىقىشى ۋە تەلەپلىرىمۇ ئاشماقتا ئىكەن.

ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسى قۇرۇلغاندىن بۇيان ھەر يىلى نورۇز پائالىيەتلىرىدىن باشقا يەنە 1933-يىلى ۋە 1944-يىلى 12-نويابىر كۈنلىرى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلەش مۇراسىملىرىنىمۇ ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.