شېنياڭ شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسى نۇر بەكرىنىڭ دېلوسى ئۈستىدىن ئەيىبنامە سۇنغان

خىتاي دۆلەتلىك تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى، خىتاي دۆلەتلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق رەئىسى نۇر بەكرى بۇ يىل 2-ئاپرېل كۈنى «پاراخورلۇق ۋە چىرىكلىك» جىنايىتى بىلەن رەسمىي قولغا ئېلىنغان ئىدى. يېقىندا خىتاي مەملىكەتلىك ئالىي تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن لىياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ شېنياڭ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى شۇ جايدىكى ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە نۇر بەكرىنىڭ دېلوسى ئۈستىدىن ئەيىبنامە سۇنغان.

«خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 8-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، شېنياڭ شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسى سۇنغان ئەيىبنامىدە نۇر بەكرىنىڭ ئىلگىرى ئۇيغۇر دىيارىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلىدىمۇ خىزمەت قۇلايلىقىدىن پايدىلىنىپ قانۇنسىز پارا ئېلىش قىلمىشى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى شىكايەت قىلىنغان. ئەيىبنامىدە ئەيىبلەنگۈچىنىڭ جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقىنىڭ ئاخىرىغىچە سۈرۈشتە قىلىنىش كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، مەزكۇر ئەيىبنامىدە «نۇر بەكرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلىدە، يەنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى ۋە كېيىنچە خىتاي دۆلەتلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ تۇرغان مەزگىللىرىدە خىزمەت قۇلايلىقىدىن پايدىلىنىپ غايەت زور سوممىدا پارا يېگەنلىكى ۋە چىرىكلەشكەنلىكى ساناپ ئۆتۈلگەن ۋە قانۇن بويىچە ئۇنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنىڭ سۈرۈشتۈرۈلۈشى» تەلەپ قىلىنغان.

مۇھاجىرەتتىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۇربەكرىدەك خىتاينىڭ ئەڭ يۇقىرى ھاكىمىيەت قاتلىمىدا ھوقۇق تۇتقان بىر ئەمەلدارنىڭ قولغا ئېلىنىشى ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدىن يۇقىرىقىدەك ئەيىبنامىنىڭ سۇنۇلۇشى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ رايوندىكى ھېچبىر ئۇيغۇرغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنىڭ يارقىن بىر مىسالى ئىكەن.