مەرھۇم يازغۇچى نۇرمۇھەممەد توختى «كىشىلىك ھوقۇق ھىمايىچىلىرى خاتىرىسى» گە كىرگۈزۈلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-07-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېرىغا قامالغاندىن كېيىن جان ئۈزگەن مۇنەۋۋەر يازغۇچى نۇرمۇھەممەد توختىنىڭ نامى يېقىندا «كىشىلىك ھوقۇق ھىمايىچىلىرى خاتىرىسى» گە كىرگۈزۈلدى.

نۇرمۇھەممەد توختى ھەققىدىكى چۈشەندۈرۈشتە ئۇنىڭ ھايات كەچۈرمىشلىرى ۋە ئەدەبىي ئىجادىيەت ھاياتى، ئۇنىڭ ئەدەبىيات ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى ئېغىر مەسىلىلەرنى، جۈملىدىن تەڭسىزلىك، نامراتلىق، يېتىملەر مەسىلىسى، ئاياللار مەسىلىسى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكى، شۇنداقلا مۇشۇ سەۋەبتىن لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى، ئاخىرىدا جان ئۈزگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ.

مەلۇم بولۇشىچە، «كىشىلىك ھوقۇق ھىمايىچىلىرى خاتىرىسى» تەشكىلاتى ئاسىيا، ئافرىقا ۋە لاتىن ئامېرىكىسى قىتئەلىرىدە كىشىلىك ھوقۇق ساھەسى بويىچە خىزمەت قىلىدىغان دۇنياۋى تەشكىلات ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا نۇرمۇھەممەد توختىنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى ئىنكار قىلىپ، ئۇنىڭ ھېچقاچان لاگېرغا ئېلىپ بېرىلمىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ھېچقانداق پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىمىغانلىقى ھەققىدە سۆز قىلغانىدى. رادىيومىز مۇخبىرلىرى ئىگىلىگەن ئەھۋاللار بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ پۈتۈنلەي يالغان ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت