ئوباما بىلەن دالاي لامانىڭ يېقىندا ئوچۇق-ئاشكارا يۈز كۆرىشىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

«ئامېرىكا ئاۋازى» رادىئوسى بىلەن «دەۋر» ژۇرنىلىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا پرېزىدېنتى بارراك ئوباما بىلەن تىبەتلەرنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لامانىڭ يېقىندا ئوچۇق-ئاشكارا يۈز كۆرىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئوباما بىلەن دالاي لامانىڭ رەسمىي يۈز كۆرۈشۈشى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى، يەنى ئامېرىكا بويىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان مەملىكەتلىك تىلاۋەت ناشتىلىقى پائالىيىتىدە بولىدىكەن. دالاي لاما گەرچە مەزكۇر پائالىيەتكە ئوچۇق-ئاشكارا تەكلىپ قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ شۇ كۈنى سۆزگە چىقمايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىش ئوبامانىڭ دالاي لاما بىلەن 4-قېتىملىق يۈز كۆرۈشۈشى ھېسابلىنىدىكەن.

بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى كۈچلۈك قارشىلىقىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئوباما بىلەن دالاي لامانىڭ 5-فېۋرال كۈنىدىكى ئۇچرىشىشىغا ھېچقانداق مۇخبىر تەكلىپ قىلىنمايدىكەن.