تونۇلغان موڭغۇل ئۆكتىچى خادا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈسىتىدىن ئەرز قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خادا خىتاينىڭ ئۆزىنى قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىشى ۋە قېيىن-قىستاققا ئېلىپ مېيىپ قىلىپ قويغانلىقى ئۈچۈن ھۆكۈمەت ئۈستىدىن ئەرز سۇنىدىكەن.
مەلۇمكى، خادا خىتايدا سىياسىي جىنايەت بىلەن تۈرمىدە ئەڭ ئۇزۇن ياتقان ئۆكتىچىلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ 1996-يىلى «بۆلگۈنچىلىك» ۋە «دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى چەتئەلدىكى تەشكىلاتلارغا ئاشكارىلاش» جىنايىتى بىلەن 15 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. بىراق، دائىرىلەر ئۇنىڭ جازا مۇددىتى توشقاندا، قويۇپ بەرمەي يەنە 4 يىل ئۇزارتىپ، ئۇنى جازالىغان.
خادا تېخى مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن. ئۇ تۈرمىدە ئۆزىنىڭ نۇرغۇن قېيىن-قىستاقلارغا ئېلىنغانلىقى، شۇ سەۋەبلىك جىسمانىي ۋە ئەقلىي ساغلاملىقىنىڭ زەخىمىگە ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. خادانىڭ ئايالى رويتېرس مۇخبىرىغا تېلېفوندا قىلغان سۆزىدە، ئۆزلىرىنىڭ يەرلىك سوتقا ئەرز سۇنۇپ بېقىشنى ئويلىشىشىدا، 1996-يىلى بىر ئايالنى ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن خاتا ھالدا ئەيىبلىنىپ، ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغان موڭغۇل ئۆسمۈرنىڭ ئاقلىنىش ۋەقەسىنىڭ ئۆزلىرىگە ئىلھام بولغانلىقىنى ئېيتقان.