ئۇيغۇر بىز تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي ئەزاسى ئەركىن تۇراخۇن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ساھەسىدىن تەشكىللەنگەن بىر ئۆمەكنى باشلاپ، كانادا ۋە فرانسىيىگە بېرىپ ئۇ يەردىكى ئۇيغۇر ئېلىدىن كېلىپ، ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تارقاتقان.
خەۋەردىن قارىغاندا، ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەت 11 - ئاينىڭ 24 - كۈنى كانادادىكى خىتاي ئەلچىخانىسىدا مەخسۇس مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچى بالىلارغا مۇكاپات تارقاتقان. بۇ يىل 7 ئوقۇغۇچى مۇكاپات تاپشۇرۇپ ئالغان. ئۇلارنىڭ 6 نەپىرى ئۇيغۇر، بىر نەپىرى موڭغۇل. ئارقىدىنلا ئەركىن تۇراخۇن يەنە، فرانسىيىگە يېتىپ كېلىپ، فرانسىيىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىدا ئوخشاش مۇراسىم بىلەن مۇكاپات تارقاتقان.
ئۇيغۇر ئېلى ھۆكۈمىتى 2009 - يىلى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن چەتئەللەردە ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان باشقۇرۇش ۋە تەقىبنى كۈچەيتكەن ھەمدە ئىلگىرى - ئاخىرى بولۇپ تۈركىيە، مىسىر، سەئۇدى ئەرەبىستان، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن تەمىنلەش، ئۇلارنى ئەلچىخانا بىلەن قويۇق ئالاقە ئورنىتىشقا دەۋەت قىلىش ۋە شۇنداقلا ۋەتەنپەرۋەر ئوقۇغۇچى بولۇشقا ئوخشاش تەشۋىقات خىزمەتلىرىنى كۈچەيتكەن ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ پائالىيەتلىرى ئىلگىرىمۇ بۇ دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئۇيغۇرلاردا ئوخشىمايدىغان كۆز قاراشلارنى شەكىللەندۈرگەن.
كۆزەتكۈچىلەر ئەركىن تۇراخۇن باشچىلىقىدىكى ھەيئەتنىڭ كانادا ۋە فرانسىيىدىكى بۇ نۆۋەتلىك پائالىيتىنىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىغا بۆلگۈنچىلىك سېلىش ھەرىكىتىنىڭ داۋامى، دەپ قارىماقتا.