خىتاي ئەمەلدارى خەلقارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئاخبارات يىغىنىدا ئۇيغۇرلارغا دائىر سىياسى بايانات بېرىپ، ئولىمپىك نىزامىغا خىلاپلىق قىلغان
2022.02.18
ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى سۆزلەش «ئولىمپىكنى سىياسىيلاشتۇرغانلىق» دەپ رەت قىلغان خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ 17-فېۋرال بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات يىغىنىدا، خىتاي ئەمەلدارىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سىياسىي باياناتىغا سۈكۈت قىلىشى تەنقىدكە ئۇچرىغان. بۇ ۋەقە 18-فېۋرال خەلقئارا تارتقۇلاردا كەڭ خەۋەر قىلىنىپ، قاتتىق غۇلغۇلا قوزغان. «كۈندىلىك بېست» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاخبارات يىغىنىدا بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى يەن جياروڭ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بار دېيىشنىڭ «يالغانچىلىق» ئىكەنلىكى، تەيۋەن بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتناشسىمۇ، ئۇ يەردە پەقەت «بىرلا خىتاي» بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، يىغىندا مۇخبىرلار خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى مارك ئادامىستىن تەيۋەننىڭ ئولىمپىكنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشى، ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلار، جۈملىدىن ئولىمپىك فورمىسىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك ئىشلەمچىلىرى تەرىپىدىن «شىنجاڭ پاختىسى» دا ئىشلەپچىقىلغانلىقىغا بولغان ئىنكاسىنى سورىغان. لېكىن يەن جياروڭ مارك ئادامىسنىڭ سۆزىنى بۆلۈپ، يۇقىرىقى سىياسىي باياناتنى بەرگەن. ئۇ بۇ سۇئالغا قارىتا «مېنىڭچە، بۇ سۇئاللار پۈتۈنلەي يالغان ئۇچۇرلارغا تايانغان… بەزى دائىرىلەر ئالىبۇرۇن بۇ يالغان ئۇچۇرلارغا قارشى پىكىر بىلدۈردى،» دېگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ يەنە «ئولىمپىكنىڭ سىياسىيلاشتۇرۇلۇشىغا ئىزچىل قارشى تۇرۇپ كەلگەنلىكى» نى ئېيتقان.
«كۈندىلىك بېست» نىڭ ئېيتىشىچە، مارك ئادامس يەن جياروڭنىڭ سۆزلىرىگە سۈكۈت قىلىپلا قالماي، بۇ مەسىلىلەرنىڭ بۇ يىغىننىڭ تېمىسى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنىڭغا جاۋاپ بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ نىزامىدە كىشىلىك ھوقۇق تەكىتلەنسىمۇ، بىراق مەزكۇر خەلقئارا تەنتەربىيە تەشكىلاتى ئولىمپىكنى «سىياسىيلاشتۇرماسلىق» نامىدا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان قورقۇنۇچلۇق دەپسەندىچىلىككە كۆز يۇمۇش بىلەن ئەيىبلىنىپ كەلگەن ئىدى.