ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرى 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپېك مۇسابىقىسىنى خىتايدا ئۆتكۈزمەسلىك قارارى سۇنغان
2021.02.22
«ياخۇ» تورىنىڭ يېقىندا بەرگەن خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرىدىن رىك سكوت ۋە باشقا 6 نەپەر كېڭەش پالاتا ئەزاسى خەلقئارا ئولىمپېك كومىتېتىغا قارار سۇنۇپ، 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپېك مۇسابىقىسىنى خىتايدىن چېكىندۈرۈپ، كىشىلىك ھوقۇقنى تونۇيدىغان ۋە ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىدىغان باشقا دۆلەتنىڭ بۇ مۇسابىقىنى ئۆتكۈزۈشىگە يول ئېچىپ بېرىشكە چاقىرىق قىلغان.
رىك سىكوت ئۆز باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «خىتاي ھازىر شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتىدۇ؛ خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ھوقۇقىنى چەكلەۋاتىدۇ، تەيۋەنگە تەھدىت سېلىۋاتىدۇ. كوممۇنىست خىتاينىڭ بىر ياقتىن لاگېرلارنى داۋاملىق ئىشقا سېلىپ ئىنسانلىق ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىشىغا، يەنە بىر ياقتىن 2022-يىل قىشلىق ئولىمپېك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشىگە يول قويۇلماسلىقى كېرەك».
خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى چەكتىن ئاشقان زوراۋانلىقى، خوڭكوڭلۇقلارنى باستۇرۇشى قاتارلىق مەسىلىلەر خەلقئارانىڭ ئىزچىل دىققىتىنى قوزغاپ كەلگەن بولۇپ، 180 كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى بىرلەشمە مەكتۇب ئىمزالاپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى دۆلەت رەھبەرلىرىنى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپېك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرغانىدى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپېك مۇسابىقىسى كېلەر يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى باشلىنىدىكەن. خىتاي 2015-يىل بۇ مۇسابىقىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرگەندىن بۇيان بۇنىڭغا ئىزچىل تەييارلىق قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، خەلقئارادىن كېلىۋاتقان بېسىم ۋە بايقۇت قىلىش سادالىرىغا قارشى دىپلوماتىيە ۋە تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنى ئىشقا سالماقتا ئىكەن.