ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا چىقىرىلغان خىتاي بايرىقىدىكى خاتالىق مۇنازىرە قوزغىدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2016.08.09

3-ئاۋغۇستتىن بۇيان رىئودې ژانېيرودا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا چىقىرىلغان خىتاي بايرىقىدىكى خاتالىق مۇنازىرە قوزغىدى.

مۇسابىقە باشلىنىپ 2-كۈنى خىتاي تەنھەرىكەتچىلىرى 3 ئالتۇن مېدال، 2 كۆمۈش مېدال ۋە 3 مىس مېدال بىلەن ئامېرىكىدىن قالسا ئىككىنچى ئورۇننى ئىگىلىگەن. ئەمما مېدال تاپشۇرۇش مۇراسىملىرىدا چىقىرىلغان خىتاي دۆلەت بايرىقىدىكى كىچىك يۇلتۇزلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىدىكى خاتالىق خىتاي تورداشلىرى ئارىسىدا مۇنازىرە تېمىسىغا ئايلانغان. خىتاينىڭ ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە خىتاي ئولىمپىك ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئولىمپىك كومىتېتىغا بۇ مەسىلىنى ئىنكاس قىلىپ تۈزىتىشكە تىرىشىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئەسلى خىتاي بايرىقىدا كىچىك تۆت يۇلتۇزنىڭ ئىچكى چوقىسى يالغۇز چوڭ يۇلتۇزنىڭ مەركىزىگە، ئوخشاش بۇلۇڭ ۋە ئوخشاش ئارىلىقتا ياي شەكىلدە توغرىلاپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

ھالبۇكى، بۇ ئالدىنقى بىر نەچچە كۈندىن بۇيان مۇراسىملاردا چىقىرىلغان خىتاي بايرىقىدىكى تۆت كىچىك يۇلتۇز ئايلانما شەكىلدە جايلاشتۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئىچكى چوققىسى يالغۇز چوڭ يۇلتۇزنىڭ مەركىزىگە توغرىلانماستىن، بەلكى ئۇلارنىڭ ئۈستۈنكى قىسمى چوڭ يۇلتۇز بىلەن پاراللېل قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىكەن.

تۋىتتېر، ئۈندىدار قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا مۇنازىرە ۋە مەسخىرە تېمىسى بولغىنى، ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىن ئىبارەت خەلقئارالىق چوڭ مۇسابىقىدە ئۆلچەمسىز ياسالغان خىتاي دۆلەت بايرىقىنىڭ چىقىرىلىشى ۋە بۇ بايراقنىڭ خىتاينىڭ جېجياڭ ئۆلكىسى ۋۇيى شەھىرىدىكى جىڭيى توقۇلما مەھسۇلاتلار شىركىتى تەرىپىدىن ئىشلەنگەن «خىتاي مېلى» بولغانلىقى ئىكەن، ئەمما مەزكۇر شىركەت مەسئۇلى 8-ئاۋغۇست مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ ئۆلچەمسىز دۆلەت بايرىقىنىڭ مەزكۇر شىركەتنىڭ مەھسۇلاتى ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.