بېلگىيەدىكى پۇقراۋىي جەمئىيەتلەر ياۋروپا ئىتتىپاقىنى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىردى

بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە بىر ئايچە قالغاندا بېلگىيەدىكى پۇقراۋىي جەمئىيەتلەر ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ مۇسابىقىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىش ھەققىدە تېخىچە قارار ئالمىغانلىقىنى تەنقىدلەپ، بۇ ھەقتە بىر يۈرۈش پائالىيەتلەرنى تەشكىللىدى.

«بېلگىيە ئاخبارات كۇلۇبى» نىڭ 4-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ بىرىنچى بۆلۈكى مۇشۇ تېمىدىكى مۇنازىرە يىغىنى ئىكەن. مۇنازىرىگە گوللاندىيەلىك سىياسىيون، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى پېتېر دالېن رىياسەتچىلىك قىلىدىكەن. «خوڭكوڭنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» دىن بېنېدىكىت روجېرس، بېلگىيەدىكى «چېگراسىز كىشىلىك ھوقۇق» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ۋىللىي فېتۇر، شۇنداقلا ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، خوڭكوڭلۇقلار ۋە موڭغۇللارنىڭ ۋەكىللىرى قاتنىشىدىكەن.

بۇنىڭدىكى يەنە بىر مۇھىم پائالىيەت ئ‍ۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر بېلگىيەدىكى پۇقراۋىي جەمئىيەتلەرنىڭ ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە شۇ جاي ۋاقتى 10دىن 12 گىچە بىريۇسسېلدىكى شۇمان مېترو بېكىتىدە قىلىدىغان «بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلايلى» تېمىسىدىكى بىرلەشمە نامايىش پائالىيىتى ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى مەزگىللەردە بۇ خىلدىكى بىرلەشمە نامايىش پائالىيەتلىرى كۆپلەپ ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ نەتىجە ئېتىبارىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مىللەتلەرگە قانداق زۇلۇم سېلىۋاتقانلىقىنى تېخىمۇ كۆپ ساھەنىڭ تونۇپ يېتىشىگە پايدىلىق، دەپ قارالماقتىكەن.