خىتاي ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان مەھبۇسلارنىڭ ئورگانلىرىنى مەجبۇرىي ئىشلىتىشنى توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2014.12.04

خىتاي، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان مەھبۇسلارنىڭ ئورگانلىرىنى رۇخسەتسىز يۆتكەپ ئىشلىتىشكە خاتىمە بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. خىتاينىڭ بۇ قارارى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

گاردىيان گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دۆلەتلىك ئورگان ئىئانە كومىتېتى باشلىقى خۇاڭ جېفۇ چارشەنبە كۈنى قىلغان سۆزىدە، 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن ئېتىبارەن خىتايدا مەھبۇسلارنىڭ ئۆز رازىلىقى ۋە تۇغقانلىرىنىڭ رازىلىقى بولماي تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئورگانلىرىنى يۆتكەشنىڭ توختىتىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

بەزى كۆزەتكۈچىلەر خىتايدا مەھبۇسلارنىڭ ھوقۇقىنى كۆزىتىدىغان مۇستەقىل ئورگانلار بولمىغانلىقتىن ئۇلارنىڭ ئورگىنىنى بېرىشكە ئۆز رازىلىقى بىلەن قوشۇلغانلىقىنى ياكى ئۇنىڭغىمۇ مەجبۇرلانغانلىقىنى ئايرىشنىڭ يەنىلا قېيىن بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

خۇاڭ جىفۇ سۆزىدە، بۇ يېڭى سىستېما ئىشقا كىرىشكەن تەقدىردە ئورگان ساقلاپ تۇرغان دوختۇرخانىلارغا ئېغىر بېسىم پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. ئۇ، خىتايدا كىشىلەرنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئورگان ئىئانە قىلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭغا تارىختىن قالغان مەدەنىيەت ۋە كۆز قارىشىنىڭ سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى، شۇڭا بۇنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن خىزمەت ئىشلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. خىتايدىكى مەھبۇسلارنىڭ ئورگانلىرىنى يۆتكەپ ئىشلىتىش قىلمىشىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرى ۋە فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرى ئەڭ كۆپ ئۇچرايدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.