خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» نى دۇنيادىن يوشۇرۇش ئارقىلىق كىرىزىسنى چوڭقۇرلاشتۇرغانلىقى كۈچلۈك تەنقىد قوزغاۋاتقان بىر پەيتتە ئۇيغۇر رايون دائىرىلىرى 4 نەپىرى ئۇيغۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي 12 كىشىنى «ئۆسەك سۆز تارقىتىش» بىلەن جازالىغان.
خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا «شىنجاڭ ئىنتېرنېت تورى» ئۇچۇر ئىشخانىسى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى قاتارلىقلار ئۇيغۇر ئېلىدە يېڭى تىپلىق تاجسىمان ۋىرۇس ھەققىدە «ئۆسەك سۆز تارقىتىش» دېگەن جىنايەت بىلەن 12 كىشىنى بىر تەرەپ قىلغان.
خەۋەردە بېرىلگەن تىزىملىكتىن قارىغاندا، بۇ 12 كىشىنىڭ 4 نەپىرى ئۇيغۇر بولۇپ، ئۇلار ئاقسۇ شەھىرى، خوتۇنسۇمبۇل ناھىيەسى، ئاقتۇ ناھىيەسى ۋە توقسۇ ناھىيەلىرىدىن ئىكەن.
خەۋەردە يۇقىرىدىكى كىشىلەرنىڭ ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشى ۋە ئۆلۈم-يېتىم ۋەقەلىرى ھەققىدە ئاساسسىز سۆزلەرنى تارقىتىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىغا زىيان بەرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
«تەڭرىتاغ تورى» دىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر رايون دائىرىلىرى 29-يانۋار كۈنى «پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىدە پاش قىلىش، مەلۇم قىلىشنى قوبۇل قىلىش توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش» نى تارقىتىپ، قالايمىقان سۆز تارقىتىش قاتارلىق 4 خىل ھەرىكەتنى مەلۇم قىلىشنى يولغا قويغان.
ئۇيغۇر رايون دائىرىلىرى چىقارغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدە 29-يانۋار كۈنى سائەت 24 كىچە بولغان ئارىلىقتا يەنە بىر نەپەر كىشى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغان بۇنىڭ بىلەن ئومۇمىي يۇقۇملانغۇچى سانى 14 نەپەرگە، كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىر كىشى 3 نەپەرگە يەتكەن. 492 كىشى كېسەللىك گۇمانى بىلەن كۆزىتىش ئاستىغا ئېلىنغان.