خىتاي ئەدلىيە تارماقلىرى چارشەنبە كۈنى تور پائالىيەتچىسى دوڭ رۇبىننى توردا «پىتنە-ئىغۋا» تارقىتىپ، ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە ئېرىشىش، قانۇنسىز سودا قىلىش، دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ئوبرازىغا، جەمئىيەت تەرتىپىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش قاتارلىقلار بىلەن ئەيىب، 6 يېرىم يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، كۈنمىڭ شەھىرى ۋۇخۇا رايونلۇق سوتنىڭ مەزكۇر قارارى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ توردىكى «پىتنە-ئىغۋا» غا زەربە بېرىشنى باھانە قىلىپ، پىكىر ئەركىنلىكىنى باستۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى سېنتەبىردىن باشلاپ، مەملىكەت خاراكتېرلىك توردا «پىتنە-ئىغۋا» تارقىتىشقا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى قوزغىغان. توردا ئىغۋا خاراكتېرلىك ئۇچۇر تارقىتىپ، بۇ ئۇچۇر 500 قېتىمدىن ئارتۇق كۆچۈرۈپ چاپلانسا، 5000 قېتىمدىن ئارتۇق كۆرۈلسە، بۇ ئۇچۇرنى تارقاتقۇچىغا 3 يىللىق قاماق جازاسىنى بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
دوڭ رۇبىن ئۆزىنىڭ «قىردىكى ئادەم» ناملىق مىكرو بلوگىدا ئىزچىل مۇھىت بىخەتەرلىكى، ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر، ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ كەلگەن. ئۇ 2013-يىلى 9-ئايدا قولغا ئېلىنغان.
10-ئايدا خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇنىڭ توردا «پىتنە-ئىغۋا» تارقاتقانلىقى ھەققىدىكى ئىقرارىنى پروگرامما قىلىپ تارقاتقان. بىراق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى مەزكۇر پروگراممىنى دوڭ رۇبىننىڭ ھەق-ھوقۇقىغا قىلىنغان بۇزغۇنچىلىق، دەپ تەنقىد قىلغان.