رۇسىيە تاجىكىستان ۋە ئۆزبېكىستان بىلەن بولغان ھەربىي ھەمكارلىقلىرىنى ئاشۇرماقچى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2016.11.30

رۇسىيە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا شۇنىڭدەك خىتاي بىلەن زىچ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي مۇناسىۋەتلەرگە ئىگە تاجىكىستان ۋە ئۆزبېكىستان بىلەن بولغان ھەربىي ھەمكارلىقلىرىنى ئاشۇرۇشقا كىرىشكەن.

رۇسىيە بىلەن تاجىكىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى 2017-يىلى ئىككى دۆلەتنىڭ ھەربىي ھەمكارلىقلىرىنى ئاشۇرۇشقا پۈتۈشكەن بولۇپ، رۇسىيە 2017-يىلى، ھەربىي ئاۋىئاتسىيە كۈچى ئاجىز تاجىكىستانغا كۆپ ساندىكى ھەربىي ئاۋىئاتسىيە تېخنىكا ئەسلىھەلىرى، جۈملىدىن ھەربىي ئايروپىلان ۋە تىك ئۇچار ئايروپىلانلارنى بېرىشكە ماقۇل بولغان.

پەرغانە ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ رۇسىيەنىڭ تاجىكىستاننى زور ساندىكى قورال-ياراق، جۈملىدىن ھەربىي ئايروپىلان ۋە تىك ئۇچار ئايروپىلانلار بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى، بۇنىڭ رايوننىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ، يەنە رۇسىيەنىڭ تاجىكىستان ئارمىيىسىنىڭ ئوفىتسېرلىرى ۋە ھەربىي مۇتەخەسسىسلىرىنى موسكۋادا تەربىيىلەشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى، ھازىرغىچە، 1000دىن ئارتۇق مۇتەخەسسىسنىڭ تەربىيىلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بىلەن ئۆزبېكىستان مۇداپىئە مىنىستىرلىقىمۇ 2017-يىللىق ھەربىي ھەمكارلىق كېلىشىم تۈزگەن بولۇپ، ئۆزبېكىستان مۇداپىئە مىنىستىرى قوبۇل بەردىيېف رۇسىيەنىڭ ئۆزبېكىستاننىڭ ئاساسلىق ئىستراتېگىيىلىك شېرىكى ئىكەنلىكىنى ۋە ئۆزبېكىستاننىڭ رۇسىيە بىلەن كۆپ جەھەتلەردىن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى شۇنىڭدەك ئۆزلىرىنىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى مەڭگۈ بۇزمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر كېلىشىم ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموف ۋاپاتىدىن كېيىن ئىمزالانغان ئىدى.

رۇسىيە تەرەپ ئۆزبېكىستان ھەربىي ئوفىتسېرلىرى ۋە كۇرسانتلىرىنى تەربىيىلەش خىزمەتلىرىنى بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۈچەيتىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.