رادىئومىزغا كەلگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ئۆتكەن يىلى 12 - ئايدا تۇرالغۇ ئۆيى مەجبۇرى تۈزلىۋېتىلگەن گۇمىلىق ئىككى دېھقان دائىرىلەرنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلىپ ئاقتۇرالمىغاندىن كېيىن، تۈزلىۋېتىلگەن ئويىنىڭ قېشىدا چېدىر تىكىپ ياتماقتا ئىكەن.
بىزگە يوللانغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، بۇ دېھقانلاردىن بىرسىىنىڭ ئىسمى ئابلىكىم قاۋۇز بولۇپ، بۇلار گۇما ناھىيىسى بازار ئىچى نىشاندار كەنتى 3 - ئەترىتىدىن.
ئۇلار ئويىنى چىقىش ئۈچۈن بېرىلگەن ھەقنى توۋەن كۆرۈپ، خىتاي تەرەپ بىلەن شېرىكلەشكەن سودىگەر ھىمىت ھاجىم بۇغداينىڭ تەلەپلىرىگە قوشۇلمىغان.
ئۇچۇرغا قارىغاندا، بۇ كەنتتىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرى، مەجبۇرىي ۋە ئىختىيارى ئاساستا چېقىلغان بولسىمۇ، يۇقىرىقى ئىككى كىشى باھانى مۇۋاپىق كۆرمەي چېقىشقا قوشۇلمىغان. ئەمما، بۇ كىشىلەرنىڭ ئۆي - ماكانى بىر كېچىدە خۇپىيانە ھالدا تۈزلىۋېتىلگەن.
ئۆيى مەجبۇرىي تۈزلىۋېتىلگەن بۇ ئىككى ئائىلە قەھرىتان سوغۇقتا تالادا قالغاننىڭ ئۈستىگە، ئەرز قىلىپ بارسا ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئۇلارنىڭ ئەرزىگە قۇلاق سالمىغان.
نۆۋەتتە ئۇلار ئەرزىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن چىقىۋېتىلگەن ئۆيىنىڭ ئەتراپىغا چېدىر تىكىپ ياتماقتا ئىكەن.
بۇ، ئۇيغۇر ئېلىدە يىقىنقى يىللاردىن بۇيان ئەۋجىگە چىققان يەر ئىگىلەش دولقۇنى ۋە بۇ دولقۇن جەريانىدا كۆرۈلۈۋاتقان ھەقسىزلىقلارنىڭ جۈملىسىدىن، دەپ قارالماقتا.