خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆي-ماكانلىرىدىن كۆچۈرۈشىدىكى مەقسەتلەر ئاشكارىلانماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021.08.10

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بەختىيار تۇرمۇشقا ئىگە قىلىش» نامىدا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەرقايسى يېزا-قىشلاقلىرىدىكى ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى بۇزۇپ، ئاھالىلەرنى باشقا جايلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ ئولتۇراقلاشتۇرۇشى ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدىن بۇيان ئىزچىل داۋام قىلىپ كەلمەكتە. يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قۇرۇلۇشنى پۈتكۈل ئۇيغۇر دىيارىغا ئومۇملاشتۇرىدىغانلىقى ھەمدە ئۇنىڭدا قانداق مەقسەتلەرنىڭ بارلىقى بىر قىسىم رەسمىي خەۋەرلەردە ئاشكارا تىلغا ئېلىندى.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 10-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى 24 ئىدارە ۋە ئورگان مەخسۇس قارار ئېلىپ «14-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە باشقا جايلارغا كۆچۈرۈش خىزمىتىنى يېڭى ئۇتۇقلارغا ئىگە قىلىش» نى ئوتتۇرىغا قويغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ قۇرۇلۇش ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئومۇمىي يېتەكچىلىكىدە ھەرقايسى ناھىيە ۋە شەھەرلەردە ئىجرا قىلىنىدىغان بولۇپ «جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۆت ۋىلايەتنىڭ نامرات رايونلىرىدا، ئون ۋىلايەت ۋە شەھەر، 56 ناھىيە ۋە رايون تەۋەسىدىكى 333 نۇقتىدا ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ» دېيىلگەن. بولۇپمۇ ئاھالىنى كۆچۈرۈشنىڭ ئۇلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، رايونلارغا ئايرىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، جەمئىيەتكە «سىڭىشىش» ىنى تېزلىتىشتە بەكمۇ ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىشى، يەنە كېلىپ ئەسلى ئۆي-ماكانلىرىدىن كۆچۈرۈلگەن بۇ كىشىلەرنىڭ «يېڭى خىزمەت» كە ئورونلىشىش ئۈچۈن زور كۆلەمدە «قايتا تەربىيەلەش» كە قاتنىشىدىغانلىقى ھەر ساھەنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىدى.

ئامېرىكادىكى مۇستەقىل ئانالىزچى ئېلشات ھەسەن بۇ ھەقتە توختىلىپ، بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن 70 يىل مابەينىدە ئىزچىل داۋام قىلىپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ھەمدە خىتايلارغا سىڭدۈرۈۋېتىش ئۇرۇنۇشىنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم چارىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. شۇنداقلا ئۆتكەن يىگىرمە يىلدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قەشقەردىكى ئۇيغۇرلارنى «خەتەرلىك ئۆيلەردىن يېڭى بىنالارغا كۆچۈرۈش» نامىدا ئۇيغۇر كىملىكىنى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ۋەيران قىلغانلىقى، ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر ئولتۇراق مەھەللىرىنى بۇزۇپ تاشلاپ خىتايلاشتۇرۇشنى كۈچەيتكەنلىكىنى ئالاھىدە مىسال قىلدى. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «خىتاي ھۆكۈمىتى ئەمدى پۈتكۈل ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى بۇزۇپ، ئۇيغۇرلارنى خىتايلار بىلەن ئارىلاش ئ‍ولتۇراقلاشتۇرۇش ھەمدە پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنى بىر قېتىمدىن ‹كەسپىي تەربىيەلەشكە ئاپىرىش› مەقسىتىگە يەتمەكچى» دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.