ئۆزبېكىستان سابىق پرېزىدېنت كەرىموفنىڭ قىزى گۇلنارانى قولغا ئالغان

ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى ئۆزبېكىستان سابىق پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموفنىڭ چوڭ قىزى گۈلنارا كەرىموۋانىڭ سوتلىنىپ، نەزەربەند قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئۆزبېكىستان باش تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ جۈمە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، گۈلنارا كىشىلەرگە سېلىق سېلىش، باشقىلارنىڭ مۈلكىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش ۋە باشقا جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتلانغان ۋە 5 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلىپ نەزەربەند قىلىنغان. بۇ، ئۆزبېكىستان ئەدلىيە تارماقلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم 45 ياشلىق گۈلنارا كەرىموۋانىڭ ئەھۋالىدىن ئۇچۇر بېرىشىدۇر. ئۇنىڭ 2014‏-يىلى دادىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بۇزۇلۇپ، شۇنىڭدىن بېرى ئۇ ئۆزبېكىستان ئاخبارات ۋە ئاممىۋى سورۇنلىرىدىن غايىب بولغان ئىدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، ئۆزبېكىستان تەپتىش دائىرىلىرىنىڭ گۈلنارانىڭ شۋېتسارىيە، شىۋېتسىيە، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، لاتۋىيە، ئىرېلاندىيە، مالتا، گېرمانىيە، خوڭكوڭ، رۇسىيە، بىرلەشمە ئەرەب ئەمىرلىكى قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردىكى بىر مىليارد 500 مىليون دوللارلىق مال-مۈلكىنى توڭلىتىشقا كىرىشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۆزبېكىستان تەپتىش ئەمەلدارلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، گۈلنارا 2015‏-يىلى سېلىق سېلىش، خەقنىڭ مۈلكىنى ئۆزىنى قىلىۋېلىش، باج ئوغرىلاش جىنايىتى بىلەن سوتلانغان ۋە 5 يىللىق نەزەربەند قىلىش جازاسى بېرىلگەن. دائىرىلەر يەنە، ئۇنىڭ ئالدامچىلىق، تاموژنىدىن ئاتلاپ ئۆتۈش، چەتئەل پېرېۋوت قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش، پۇل يۇيۇش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن تەكشۈرۈلگەنلىكىنى ۋە سوتلىنىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

گۈلنارا ئىلگىرى ئۆزبېكىستاندىكى ئەڭ كۈچلۈك سودىگەر، سىياسىيون ۋە كەرىموفنىڭ ئىزباسارى دەپ قارىلىپ كەلگەن. ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇ كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە ئۆزبېك ئۆكتىچىلىرىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچراپ كەلگەن شەخس ئىدى.

دائىرىلەر ئۇ 2014‏-يىلى غايىب بولغاندىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر ئۇنىڭ ئەھۋالىدىن ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىپ باقمىغان. ئۇ دادىسى، سابىق پرېزىدېنت كەرىموف 2016‏-يىلى سېنتەبىردە مېڭىسىگە قان چۈشۈپ ئۆلگەندىمۇ، ئۇنىڭ جىنازە مۇراسىمىغا قاتناشتۇرۇلمىغان. شىۋېتسىيە تەپتىش دائىرىلىرى 2014‏-يىلى ئۇنىڭ ئۈستىدىن پۇل يۇيۇش جىنايى بىلەن تەكشۈرۈش باشلىغان ئىدى.