پاكىستان يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن ھەمكارلىقى يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويغان
2024.05.15
پاكىستاننىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى قوشۇمچە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد ئىسھاق دار 5-ئاينىڭ 15-كۈنى خىتايغا زىيارەتكە كېلىپ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشكەندە، پاكىستاننىڭ «خىتاي-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى» نى يەنىمۇ گۈللەندۈرۈش، يېڭى تېخنىكا، سۈنئىي ئەقىل ساھەسىدە خىتاي بىلەن تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ ھەمكارلىشىش ئارزۇسى بارلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان بۇ خەۋەردە يەنە، پاكىستان پىلان-تەرەققىيات، ئالاھىدە قۇرۇلۇش مىنىستىرى ئېھسان ئىقبالنىڭ خىتاي مۇخبىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى بېرىلگەن بولۇپ، ئېھسان ئىقبال «خىتاي-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى» نىڭ 10 يىللىقىنى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى، ئەمدى بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئىككىنچى باسقۇچلۇق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ھەر ۋاقىت ھازىر ئىكەنلىكىنى، بىرىنچى باسقۇچلۇق قۇرۇلۇشتىلا ئۇنىڭ پاكىستاننىڭ ئىقتىسادىغا غايەت زور ياردىمى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
«خىتاي-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى» خىتاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، قەشقەردىن پاكىستانغا تۇتىشىدىغان تاشيول ۋە تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىغا خىتاي غايەت زور مەبلەغ سالغانىدى. قەشقەرنىڭ ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون ۋە ساياھەتچىلىك مەركىزى بولۇشىدىمۇ بۇ ئىقتىساد كارىدورىنىڭ بەلگىلىك تەسىرى بولغانلىقى مەلۇم.
ئېھسان ئىقبال خىتاي مۇخبىرىغا بەرگەن جاۋابىدا يەنە، خىتاينىڭ كەلگۈسىدە 4-ئەۋلاد يېڭى سانائەت ئىنقىلابىغا، بولۇپمۇ سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى ۋە رەقەملىك ئىقتىساد ساھەسىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغانلىقىنى، پاكىستاننىڭمۇ ئۇنىڭدىن مەنپەئەت ئېلىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى، ئالىي مائارىپ ساھەسىدىمۇ خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىپ، خىتايغا كۆپلەپ ئوقۇغۇچى ئەۋەتىش پىلانىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن.
پاكىستاننىڭ خىتاي بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىشى، جۈملىدىن قەشقەردىن ئۆتىدىغان «خىتاي-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى» نى ئىلگىرىلەپ تەرەققىي قىلدۇرماقچى بولۇشى قەشقەرنىڭ كەلگۈسىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىنماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىسلامنى خىتايچىلاشتۇرۇش سىياسىتىنى كۈچەپ داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، مۇسۇلمانلار دۇنياسىدىن ھېچ سادا كەلمىگەن ئەھۋالدا، بىر ياقتىن ئىقتىسادنى قورال قىلىپ، پاكىستانغا ئوخشاش ئىسلام دۆلەتلىرىنى چاڭگىلىغا ئېلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى كۆرۈلمەكتە ئىكەن.