پاكىستاننىڭ ئاساسلىق گېزىتلىرىدىن «تېز يوللانما مۇنبىرى» خىتاينىڭ «شىنجاڭ تەشۋىقاتى» نى قىلىش بىلەن ئەيىبلەندى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.04.19

پاكىستاننىڭ ئاساسلىق گېزىتلىرىدىن «تېز يوللانما مۇنبىرى» گېزىتى (Express Tribune) يېقىندا ئارقا-ئارقىدىن ئۇيغۇر دىيارىدا خۇشاللىق ۋە دىنىي ئەركىنلىكنىڭ ھۆكۈم سۈرۈۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىككى پارچە ماقالە ئېلان قىلغان. نۆۋەتتە، «تېز يوللانما مۇنبىرى» گېزىتى بۇ خىل ماقالىلەر ئارقىلىق خىتاينىڭ «شىنجاڭ تەشۋىقاتى» نى ئېلىپ بېرىش ۋە ئۆز ئۆزىنى مەسخىرە قىلىش بىلەن ئەيىبلەنمەكتە. ياۋروپادا چىقىدىغان «زىمىستان» تورى 17-ئاپرېل مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىپ، «تېز يوللانما مۇنبىرى» نىڭ «نيۇ-يورك ۋاقتى» بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى بولغان بىردىن بىر پاكىستان گېزىتى ئىكەنلىكى، پاكىستان بىلەن خىتاي ئىتتىپاقداش بولسىمۇ، ئەمما پاكىستاندا نوپۇزلۇق مەتبۇئات ئەپكارى، دەپ قارىلىدىغان بۇ گېزىتنىڭ «بېيجىڭنى خۇشال قىلىشىنىڭ بىر چېكى بولۇشى كېرەكلىكى» نى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، «تېز يوللانما مۇنبىرى» گېزىتى يېقىندا «ھەيۋەتلىك شىنجاڭ: قەدىمىكى ۋە زامانىۋى يىپەك يولىدىكى مىسلىسىز گۈللىنىش» ماۋزۇلۇق بىر ماقالە ئېلان قىلغان. ماقالىنى خىتاينىڭ كاراچىدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى قەلەمگە ئالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭغا چۈشەنچە بېرىلمىگەن. «زىمىستان» تورى، ماقالىدا «شىنجاڭنى باشقىلاردىن پەرقلەندۈرىدىغىنى دىنىي ئەركىنلىك ۋە ئۇنىڭ دىنىي گۈللىنىشى» دەپ كۆرسىتىلگەنلىكى، ئۇنىڭ رايوندىكى مەسچىتلەرنى چېقىش ۋە «خىتايچىلاشتۇرۇش» نى «دىنىي گۈللىنىش» دەپ ھېسابلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. «زىمىستان» تورىنىڭ قەيت قىلىشىچە، «ھەر قايسى دۆلەت پارلامېنتلىرىنىڭ بىلەت تاشلاپ، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەردە يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق، دەپ بېكىتكەن، ب د ت نىڭ دوكلاتىدا خىتاينىڭ بۇ رايوندا ‹ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت› سادىر قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن، دەپ خۇلاسە چىقارغان بولسىمۇ، ئەمما پاكىستان گېزىتىنىڭ بۇ رايوندا «خۇشاللىق» ھۆكۈم سۈرۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى ھەم كۈلكىلىك ھەم بىزار قىلارلىق ئىكەن. «زىمىستان» تورى، بۇنىڭ خىتاي باش كونسۇلى ۋە پاكىستان «تېز يوللانما مۇنبىرى» گېزىتى ئوينىغان تۇنجى ئويۇن ئەمەسلىكىنى، بۇ گېزىتنىڭ بۇ يىل 1-ئايدىمۇ خىتاي باش كونسۇلىنىڭ يەنە بىر ماقالىسىنى ئېلان قىلغانلىقى، شۇڭا «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتى ئۆزىنىڭ «تېز يوللانما مۇنبىرى» بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى قايتا ئويلىشىشىنى تەلەپ قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.