پالاۋ پىرېزىدېنتى قايتا سايلانغاندىن كېيىن خىتاينى قاتتىق ئەيىبلىگەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2024.11.13

خىتاينىڭ جەنۇبى دېڭىزدىكى كېڭەيمىچىلىكى تىنچ ئوكياندىكى  ئارال دۆلەتلىرىنىمۇ بىئارام قىلىشقا باشلىغان. پالاۋ پىرېزىدېنتى سۇرانگىل ۋىپپىس (Surangel Whipps) تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلىتى بولغان پالاۋ جۇمھۇرىيىتىنىڭ پىرېزىدېنتى بولۇپ قايتا سايلانغاندىن كېيىن خىتاينى قاتتىق ئەيىبلىگەن.

«ئەلجەزىرە» قانىلىنىڭ 13-نويابىر ئېلان قىلغان خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، پالاۋ پىرېزىدېنتى سۇرانگىل ۋىپپىس خىتاينىڭ فىلىپپىن قاتارلىق دۆلەتلەردىنمۇ ئۆتۈپ، ئۆز تەۋەلىكىگە كىرىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەپ: «خىتاينىڭ تەكشۈرۈش كېمىلىرى دېڭىز تەۋەلىكىمىزگە توختىماي كىرىۋاتىدۇ، ئۇلار بىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىمىز ۋە چېگرايىمىزغا ھۆرمەت قىلماي كەلدى» دېگەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى پالاۋغا تەۋە دېڭىز ئاستىدىكى ئىككى تاغ تىزمىسىغا خىتايچە نام بەرگەن بولۇپ، بۇ ئەمەلىيەتتە ئاشكارا ئىغۋاگەرچىلىك ھېسابلىنىدىكەن.  

 خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، سۇرانگىل ۋىپپىس ئىلگىرى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بۇ ئارالدا تۇرۇشىنى مۇداپىئە ئۈچۈن پايدىلىق دەپ قارىغان ھەمدە خەۋپسىزلىك جەھەتتىن ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىپ كەلگەن. خىتاينىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىكى ھەربىي مانېۋىرى كۆپەيگەندىن كېيىن، ئامېرىكا ئارمىيەسى بۇ ئارالدا يىراقتىن سېزىدىغان رادار پونكىتى قۇرغان.

پالاۋ جۇمھۇرىيىتى تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىدىغان بىر قانچە دۆلەتنىڭ بىرى بولۇپ، شۇ سەۋەبتىن خىتاي بۇ دۆلەتنى ساياھەتچىلەر بارمايدىغان قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈپ، ئۇنىڭ ساياھەتچىلىك كىرىمىنى ئازايتىۋەتكەن. ھالبۇكى، پالاۋنىڭ قايتا سايلانغان پىرېزىدېنتى سۇرانگىل ۋىپپىس بۇ قېتىم خىتايغا كەسكىن ئىنكاس قايتۇرۇپ قاتتىق ئەيىبلىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.