بىر قىسىم ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ «پارىخورلۇق» بىلەن قولغا ئېلىنىشى گۇمان قوزغىماقتا

خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرىشىدىكى «خەلق تورى» نىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، مەكىت ناھىيە يېزا ئىقتىسادىي ئىدارىسىنىڭ كادىرى ئاتىكەم ئىمىن ۋە ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسىىنىڭ ساقچىسى ئىمام قۇربان «پارىخورلۇق» بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان.

ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر ئەمەلدارلارنىڭ «تازىلىنىشى» ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا ئىزچىل داۋام قىلىپ كەلگەن ھادىسىلەردىن بولۇپ، بۇنىڭدا ئىزچىل ئاتالمىش «ئىككى يۈزلىمىلىك قىلمىشى» ئۇلارنىڭ قاماققا ياكى لاگىرلارغا بېرىشىدىكى ئاساسىي باھانە-سەۋەب بولۇپ كەلگەن ئىدى. بۇ جەرياندا بىر قىسىم يۇقۇرى دەرىجىلىك ئ‍ۇيغۇر ئەمەلدارلارغا يەنە «پارىخورلۇق» جىنايىتىنىڭمۇ ئارتىلغانلىقى دىققەت قوزغىغان ئىدى.

ھالبۇكى، ئۇيغۇر دىيارىدىكى بارلىق ئىقتىسادىي ساھەنىڭ خىتاي كادىرلارنىڭ كونتروللۇقىدا ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن بەزى ئانالىزچىلار ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ ئىقتىسادىي جىنايەت سادىر قىلغۇدەك ئىمكانىيىتىنىڭ تولىمۇ چەكلىك ئىكەنلىكىنى، بۇنداق ئەھۋالدا ئۇيغۇر خىزمەتچىلەرنىڭ «پارىخورلۇق» قىلىش ئېھتىماللىقىنىڭ تېخىمۇ ئاز بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. خىتاي ئۆكتىچى زىيالىسى چېن پوكوڭ ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ قولغا ئېلىنىشى ھەققىدە سۆز قىلىپ: «خىتاي ھۆكۈمىتى ھېچقاچان ئۇيغۇر خىزمەتچىلەرگە تولۇق ئىشىنىپ باققان ئەمەس. ئۇلارنى قاماققا ئېلىش ئۈچۈن ھۆكۈمەت ھەرقانداق باھانىلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىرالايدۇ،» دېگەن ئىدى.