پارتىيەلىك كادىرلارنى قايتىدىن تەربىيەلەش كۇرسلىرى گۇمان قوزغىماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020.06.02

ئۆتكەن بىرنەچچە يىل مابەينىدە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش مەزگىلىدە «ئىككى يۈزلىمىلىك» ۋە باشقا ئەيىبلەر بىلەن مىڭلىغان ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ «تازىلانغانلىقى» ۋە ئۇيغۇر كادىرلار قوشۇنىنىڭ سان جەھەتتە راۋۇرۇس ئازايغانلىقى مەلۇم بولغانىدى.

يېقىندا ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ بىر قىسىم پارتىيەلىك كادىرلارنى ۋىلايەتلىك پارتىيە مەكتىپىدە سىياسىي سەۋىيە بويىچە تەربىيەلەشكە ئورۇنلاشتۇرۇشى گۇمان قوزغىماقتا.

ئاقسۇ ئاخبارات تورىنىڭ 26-مايدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىم تەربىيەلەشكە ئۇيۇشتۇرۇلغان كادىرلارنىڭ سىياسىي يۈكسەكلىك ئېڭىنى ئۆستۈرۈش، كۈرەش قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، مەركىزىي كومىتېت ھاۋالە قىلغان بۇرچنى ياخشى ئورۇنداش قاتارلىق نۇقتىلارغا ئالاھىدە زېھىن قويىدىغانلىقى ئېيتىلىدۇ.

ھالبۇكى ھازىرغىچە مەلۇم بولغان خەۋەرلەر ئۇيغۇر دىيارىدا بۇ «مۇھىم نۇقتىلار» نىڭ قايسى دەرىجىدە ئىجرا بولۇپ كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ كەلمەكتە. ئۇيغۇرلار دىيارىدا ھازىرقىدەك مىسلى كۆرۈلمىگەن سىياسىي ۋەزىيەت يارىتىلغان تۇرۇقلۇقمۇ ئاشۇ سىياسىي كونتروللۇق تەدبىرلىرىنىڭ يەنىلا يېتەرسىز، دەپ قارىلىۋاتقانلىقى بۇندىن كېيىنكى كونتروللۇقنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئەندىشىلىك پىكىرلەرگە ئورۇن ھازىرلىماقتىكەن.

ئامېرىكادىكى مۇستەقىل كۆزەتكۈچى ئىلشات ھەسەن بۇ ھەقتە توختىلىپ؛ «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شۇنچە باستۇرۇشلاردىن كېيىنمۇ يەنىلا سىياسىي يۈكسەكلىكنى تەكىتلىشى ئۇلارنىڭ قانخورلۇق تەبىئىتىنىڭ مەھسۇلى. بۇ ‹سۇ ئۇخلىسا ئۇخلار، دۈشمەن ئۇخلىماس› دېگەندەك ئالدىمىزدىكى ۋەزىپىنىڭ قانچىلىك ئېغىرلىقىدىن بېشارەت بېرىدۇ» دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.