پەيزىۋات ناھىيىسىنىڭ غولتوغراق يېزىسى«نۇقتىلىق شەخسلەر» نى ئاختۇرغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2013.05.10

پەيزىۋات ناھىيىسىنىڭ غولتوغراق يېزىلىق پارتكوم 26 - ئاپرېلدىن باشلاپ، مەزكۇر يېزا قارمىقىدىكى ئاتالمىش ئەمىنسىز رايون، كۆچمە نوپۇس ۋە نۇقتىلىق شەخسلەرنى كەڭ كۆلەملىك ئاختۇرۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ جەرياندا17 كەنت ۋە 850 كىشى تەكشۈرۈلۈپ، ياقا يۇرتلۇق 112 كىشى تازىلانغان، ئاتالمىش گۇمانلىق 264 كىشى سوراق قىلىنغان، 15 دىنىي كىتاب، بىر قول يازما، 8 ئاتالمىش قانۇنسىز دىنىي رەسىم ۋە بىر كومپيۇتېر قولغا چۈشكەن.

بىراق، خەۋەردە، 112 ياقا يۇرتلۇق كىشىنىڭ نېمە ئۈچۈن «تازىلانغانلىقى»، كومپيۇتېر، دىنىي كىتاب، رەسىم، قول يازما قاتارلىق بۇيۇملارنىڭ يىغىۋېلىنىش سەۋەبى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن.

غولتوغراق يېزىسىنىڭ بۇ ھەرىكىتى 23 - ئاپرېل «سېرىقبۇيا ۋەقەسى» يۈز بېرىپ بىر نەچچە كۈندىن كېيىن باشلانغانلىقى دىققەت قوزغىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى «سېرىقبۇيا ۋەقەسى» نى «تېررورلۇق» دېگەن بولسىمۇ، بىراق بۇ ۋەقە زور غۇلغۇلا قوزغاپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى تەنقىدكە ئۇچرىغان.

غولتوغراق يېزىلىق پارتكوم 26 - ئاپرېل چاقىرغان پارتىيە يىغىنىدا يېزىلىق پارتكوم سېكرېتارى، يېزا باشلىقى، سىياسىي قانۇن سېكرېتارى، قوراللىق بۆلۈم باشلىقى، دىنىي، ئەدلىيە، ئامانلىق ئىشلىرىغا مەسئۇل كادىرلار ۋە يەرلىك ساقچى پونكىتى خادىملىرىدىن تەشكىل قىلىنغان بىر ھەيئەت قۇرۇپ چىققان.

بىراق، خىتاي ئاخباراتىنىڭ خەۋەرلىرىدە، پۇقرالارنىڭ ئۆيىنى سوتنىڭ رۇخسىتىسىز بۇنداق ئاختۇرۇش قانۇنغا ئۇيغۇن ياكى ئەمەسلىكى ھەققىدە توختالمىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.