خىتاي ھۆكۈمىتى خىتايدا ئىككىنچى پەرزەنتلىك بولۇشنى يولغا قويغاندىن بۇيان، يىلىغا 20 مىليۇن بوۋاقنىڭ تۇغۇلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
خەلق تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتايدا ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى يولغا قويۇلغان بىر يىلدىن بۇيان ھامىلدار بولىدىغان ئاياللارنىڭ سانى شىددەت بىلەن كۆپىيىپ، دوختۇرخانىلاردىكى تۇغۇت بۆلىمىنىڭ كارۋاتلىرى يېتىشمەيۋاتقانلىقى مەلۇم.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، 2016-يىلى خىتايدا تۇغۇلغان بوۋاقلار سانى 17 مىليون 500 مىڭدىن ئېشىپ، 2000-يىلنىڭ ئالدى-كەينىدە تۇغۇلغان نوپۇس كۆلىمى بىلەن تەڭلەشكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق خىتاينىڭ چوڭ شەھەرلىرىدىكى ھامىلدار ئاياللارنىڭ تۇغۇتىغا يەنە يېرىم يىل قالغان ۋاقىتتىن باشلاپ تۇغۇت بۆلۈمىنىڭ كارىۋىتىنى ئالدىن تىزىملىتىشقا باشلايدىكەن. جەمئىيەتشۇناسلار، بۇنى خىتايدا ئۇزۇن يىل تۇغۇت چەكلەش ۋە بىر پەرزەنتلىك تۈزۈم ئاخىرلاشقاندىن كېيىن خىتاي ئاھالىلىرىدە كۆرۈلىۋاتقان ئىجتىمائىي ۋە پسىخولوگىيەلىك تەڭپۇڭسىزلىقنىڭ ئالامىتى دەپ قارىماقتىكەن.
خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى بۇ ھەقتە مەخسۇس خەۋەر بېرىپ، 2017-ۋە 2018-يىلىنىڭ خىتايدا بالا تۇغۇۋالىدىغان ئەڭ ياخشى پۇرسەت ئىكەنلىكىنى، 2019-يىلىدىن باشلاپ خىتايدا تۇغۇلىدىغان بوۋاقلارنىڭ تەدرىجىي ھالدا نورمال ھالەتكە قايتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.