مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى تەدبىرلىرىدە 2009- ۋە 2015-يىللىرى ئارىسىدا بىرئاز يۇمشاش بولغان. بۇ پۇرسەتتە پەيزىۋات ناھىيىسىنىڭ بارىن يېزا بىرىنچى كەنتىدىنلا 80 گە يېقىن بالا پىلاندىن ئارتۇق تۇغۇلغان.
مەزكۇر كەنت سېكرېتارىنىڭ مۇخبىرىمىزغا بايان قىلىشىچە، دائىرىلەر بۇ يىل باشلىغان ھەر خىل سىياسىي ھەرىكەتلىرى داۋامىدا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى تەدبىرلىرىنى قايتىدىن كۈچەيتكەن. بۇنىڭ نەتىجىسىدە پىلاندىن سىرت تۇغۇلغان بالىلارنىڭ ئائىلىسىدىن يېقىنقى ئىككى ھەپتە ئىچىدە 500 مىڭ سومدىن ئارتۇق جەرىمانە يىغىۋالغان.
بۇ سېكرېتارنىڭ بايان قىلىشىچە، مەزكۇر كەنتنىڭ ئومۇمى نوپۇسى 1400 ئەتراپىدا بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 80 گە يېقىن بالىنىڭ كۆپىنچىسى 2009- ۋە 2010-يىللاردىكى پىلانلىق تەدبىرى ئومۇميۈزلۈك بوشىغان مەزگىلدە تۇغۇلغان. بۇ قېتىم جەرىمانە قويۇلغاندا دەسلەپكى 3 يىلدا تۇغۇلغانلارغا 2000 سومدىن، 2015- ۋە 2016-يىللاردا تۇغۇلغانلارغا 15 مىڭ سومدىن جەرىمانە قويۇلغان.
2009-يىلى ئۈرۈمچىدە 5-ئىيۇل ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر رايونىدا ئارقا-ئارقىدىن قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ۋە قانلىق توقۇنۇشلار يۈز بەرگەن ۋە توقۇنۇشتا كۆپ ساندا كىشىلەر ئۆلگەن. مۇھاجىرەتتىكى بەزى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىللاردا مۇقىملىق تەدبىرلىرىگە مەركەزلەشكەنلىكى ئۈچۈن، پىلانلىق تۇغۇت تەدبىرلىرىگە كۈچ يېتىشتۈرەلمىگەنلىكىنى پەرەز قىلىشماقتا.