خىتاينىڭ گۇاڭشى ئۆلكىسىدە ئايالىنىڭ قورسىقىدىكى ھامىلىنى مەجبۇرىي چۈشۈرۈشكە نارازى بولغان بىر ئەر 23-ئىيۇل كۈنى ئەتىگەندە، پىچاق بىلەن پىلانلىق تۇغۇت خادىملىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئىككى كىشىنى ئۆلتۈرۈپ، تۆت كىشىنى يارىلاندۇردى.
رادىئومىز ئىگىلىگەن ئەھۋالدىن مەلۇم بولۇشىچە، پىچاق بىلەن پىلانلىق تۇغۇت خادىملىرىغا ھۇجۇم قىلغان بۇ ئەرنىڭ 3 قىزى بار بولۇپ، فامىلىسى خې ئىكەن. ئۇنىڭ ئايالى 4-پەرزەنتىگە ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن، پىلانلىق تۇغۇت خادىملىرى بالىنى مەجبۇرىي چۈشۈرۈۋېتىشنى تەلەپ قىلغان. بۇ ئىشقا نارازى بولغان خې فامىلىلىك 23-ئىيۇل كۈنى ئەتىگەن سائەت 8 لەر ئەتراپىدا پىچاق بىلەن پىلانلىق تۇغۇت ئىشخانىسىغا بېسىپ كىرىپ، پىلانلىق خادىملىرىغا ھۇجۇم قىلغان. ئۇ نەق مەيداندا ئىككى نەپەر پىلانلىق تۇغۇت خادىمىنى ئۆلتۈرۈپ، ئۈچ نەپەر پىلانلىق تۇغۇت خادىمى ۋە بىر نەپەر ئادۋوكاتنى يارىلاندۇرغان.
خىتاينىڭ ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە ۋەقە، پىچاق بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈش، يارىلاندۇرۇش ۋەقەسى دەپ تىلغا ئېلىنىپ، ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى ئېنىقلىنىۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىندى. ئەمما خىتايچە تور بېكەتلىرىدە بۇ ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشىگە خىتايدا ھەددىدىن زىيادە قاتتىق يۈرگۈزۈلۈۋاتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى سەۋەب بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى تەنقىدلەندى.