ئۇيغۇرلار دىيارىدا پىلانلىق تۇغۇت يېڭى سىياسىتى يولغا قويۇلدى

ئۇيغۇرلار دىيارىدا يىللاردىن بۇيان ئىجرا بولۇپ كېلىۋاتقان «پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى» دە شەھەرلەردىكى ئۇيغۇر ئائىلىلىرى ئىككى پەرزەنتلىك، خىتايلار بىر پەرزەنتلىك بولۇش بەلگىلەنگەن بولۇپ، ئۆتكەن جۈمە كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا بولۇشقا باشلىغان يېڭى سىياسەت بويىچە، خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە بېرىلگەن ئېتىبار سىياسىتى بىكار قىلىنغان.

خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى»دە بېرىلگەن بۇ ھەقتىكى خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، يېڭى سىياسەت بويىچە بۇنىڭدىن كېيىن مىللىي تەركىبىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر شەھەر نوپۇسىدىكى بىر جۈپنىڭ ئىككى پەرزەنتلىك، يېزا نوپۇسىدىكىلەرنىڭ ئۈچ پەرزەنتلىك بولۇشىغا رۇخسەت قىلىنىدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار ئەمەلدارلىرى بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «بۇ يېڭى سىياسەت ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقتا باراۋەر بولىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە خىتاينىڭ «نۇر گېزىتى» دە 2015-يىلى ئېلان قىلىنغان بىر پارچە ماقالىدا بۇ ھەقتىكى مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىنىپ «ئاپتونومىيە بىرلا مىللەتنىڭ ئاپتونومىيىسى ئەمەس، ئاپتونومىيەلىك رايونغا بىرلا مىللەت ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان ئىش يوق» دەپ ئالاھىدە كۆرسەتكەن ئىدى.

ئانالىزچىلار بۇ يېڭى سىياسەتنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى «يەرلىك مىللەتلەرگە بېرىلگەن ئاپتونومىيە ھوقۇقىنىڭ بىكار قىلىنىشقا باشلىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى، بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر رايون تەۋەسىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ نوپۇس سانى تېزدىن كۆپىيىپ، يەرلىك مىللەتلەرنىڭ سانىدىن ئېشىپ كېتىشىگە يول ئاچقانلىق» دېيىشمەكتە.