25 - ئاۋغۇست خىتاينىڭ «شىنخۇا ئاگېنتلىقى»، «شىنجاڭ خەۋەرلىرى» قاتارلىق ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسىدە تېز پوچتا يوللانمىلىرىدا كىملىكنى خاتىرىلەش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدىغانلىقى، ئالاھىدە چوڭ بولغان خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى مەزگىللىرىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى پوچتا يوللانمىلىرى قاتتىق تەكشۈرۈشتىن ئۆتىدىغانلىقى، شىزاڭ ئاپتونوم رايونىنىڭ بەزى رايونلىرىدا پوچتا يوللانمىلىرى توختىتىلىدىغانلىقى خەۋەر قىلىندى.
«شىنجاڭ خەۋەرلەر» تورىنىڭ 25 - ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە 8 - ئايدىن باشلاپ«ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى دائىرىسى ئىچىدە تېز پوچتا يوللامىلىرىدا كىملىكنى خاتىرىلەش تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، قاتتىق تەكشۈرۈشتىن ئۆتتى» دېگەن تامغا بېسىلغاندىن كېيىنلا ئاندىن بۇ يوللامىنىڭ ئەۋەتىلىدىغانلىقى خەۋەر قىلىندى.
خەۋەردە يەنە، يېقىندا دۆلەتلىك پوچتا ئىدارىسى،جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكى، دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرى بىرلىكتە چىقارغان «ياپونغا قارشى ئۇرۇشنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش قاتارلىق چوڭ كۆلەملىك پائالىيەتلەر مەزگىلىدىكى پوچتا يوللانمىلىرى ئالاھىدە تەدبىرى» گە ئاساسەن، 2015 - يىلى 10 - ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى، تىبەت ئاپتونوم رايونىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى مەزگىلىدىكى بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 9 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن 10 - ئاينىڭ 3 - كۈنىگە قەدەر بولغان ئارىلىقتا پوچتىدىن ئەۋەتىلىدىغان ھەرقانداق يوللانمىنىڭ 100% لىك ش نۇرى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆكۈزۈلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.
ئۈرۈمچىدىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۈرۈمچى شۈنفىڭ تېز يوللانما شىركىتىنىڭ مەسئۇلى لىيۇ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شىزاڭنىڭ بەزى رايونلىرىغا ئەۋەتىلىدىغان تېز يوللانمىلار توختىتىلغان. بېيجىڭ ۋە تيەنجىنگە يوللىنىدىغان يوللانمىلار ئالاھىدە قاتتىق تەكشۈرۈشتىن ئۆتىدىكەن. بېيجىڭدا ئەڭ تېز بولغاندا 9 - ئاينىڭ 5 - كۈنىگىچە پوچتا يوللانمىلىرىنى نورمال يوللاش ئەسلىگە كېلىدىكەن. ئەمما بۇ يىل 10 - ئايدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدىكى پوچتا يوللانمىلىرىنىڭ نورمال ھالەتكە كېلىش ۋاقتى 10 - ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر سوزۇلۇشى مۇمكىن ئىكەن.