ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو، 8-يانۋار كۈنى تىۋېتتىردا ئۇچۇر يوللاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە ئامېرىكا رەھبەرلىك قىلمىغۇچە دۇنيادا ھېچكىمنىڭ رەھبەرلىك قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مايك پومپېيو ئۇچۇرىدا، بۇنىڭغا «ئەگەر بىز رەھبەرلىك قىلمىساق، باشقا ھېچكىم رەھبەرلىك قىلمايدۇ. خىتايدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ تەقدىرى ئامېرىكا سۆزلەشكە باشلىمىغىچە خەلقئارانىڭ كۈنتەرتىپىدە يوق ئىدى» دېگەن. مايك پومپېيو ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن 2 يىل جەريانىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئەڭ ئاكتىپ كۆڭۈل بۆلگەن ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ بىرى بولغان.
ئۇ يېقىندا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەمەلدارلىرىغا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ئېلىپ بارغان-بارمىغانلىقىنى باھالاش توغرىسىدا يوليورۇق بەرگەن. مايك پومپېيو تىۋېتتىردىكى ئۇچۇرىدا بۈگۈن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ ئەسىرلىك دېغى خىتاينىڭ غەربىيدە يۈز بېرىۋاتقانلىقى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەھشىيلىكىنى جاۋابكارلىققا تارتىشنىڭ يەرشارى سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلغانلىقى، كومپارتىيە ئەمەلدارلىرىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈپ، تەمىنات زەنجىرىدىكى خەۋپ توغرىسىدا سودا مەسلىھەتى بەرگەنلىكى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ياسالغان بۇيۇملارنى چەكلىگەنلىكىنى ئېيتقان.
ئۇ يەنە خىتاي دائىرىلىرىنى خىتايدا ناھەق قامالغان تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىشكە داۋاملىق چاقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مايك پومپېيونىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇ خىتاينى بۇ يىل يەنە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى «ئالاھىدە ئەندىشە قوزغايدىغان دۆلەتلەر» تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن. پومپېيو مۇنداق دەيدۇ: «پاكىت شۇكى، دۇنيا نوپۇسىنىڭ 80% دىنىي چەكلىمە ئىچىدە ياشايدۇ. مەن بۇ يىل خىتاي، ئىران شۇنىڭدەك نېگىرىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 9 دۆلەتنى›ئالاھىدە ئەندىشە قوزغايدىغان دۆلەتلەر‹دەپ بېكىتتىم».