خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «پومپيونى ئەيىبلەش ھەرىكىتى» نىڭ سىرلىرى ئېچىلىشقا باشلىدى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپيېو 2021-يىلى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىش ھارپىسىدا «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقانلىرىنى بىز ئىرقىي قىرغىنچىلىق، دەپ قارايمىز» دەپ جاكارلىغانىدى. شۇنىڭدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاشپەز-ناۋايلاردىن تارتىپ دۆلەت كادىرلىرىغىچە نەچچە ئونلىغان «خەلق ۋەكىللىرى» ۋىدىيو ئارقىلىق «مايك پومپېيونىڭ بىلجىرلاشلىرىنى ئەيىبلەش» تېمىسىدا «پومپېونى ئەيىبلەش دولقۇنى» نى قوزغىدى.

تاشقى دۇنيادىكى خەۋەر مەنبەسىنى كۆرۈش شارائىتىغا ئىگە بولمىغان ھەمدە مايك پومپېيونىڭ ئىنگلىزچە سۆزلىرىنى چۈشەنگىدەك مائارىپ تەربىيەسى كۆرمىگەن بۇنچە كۆپ كىشىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا تۇشمۇتۇشتىن مايك پومپېيونى ئەيىبلەپ ئۆزلىرىنىڭ قانداق «بەختىيار» تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ھەيران قالىدىغان ئىشلار ئەمەس ئىدى. ئەمما غەرب دۇنياسىدىكى كىشىلەر ئۈچۈن چۈشىنىكسىز بولغان بۇ ھادىسىنىڭ سىرى بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ مۇخبىرى دېيك كاڭ ئىشلىگەن مەخسۇس خەۋەردە تەپسىلىي بايان قىلىندى.

20-ماي ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بىرلەشمە ئاگېنتلىق بۇ ھەقتىكى بىر يازما ئۇقتۇرۇشنى قولغا چۈشۈرگەن. قاراماي شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىشخانىسىغا ئەۋەتىلگەن بۇ ئۇقتۇرۇشتا ھەر بىر ئىشخانا خىتايچە سۆزلىيەلەيدىغان بىر ئۇيغۇرنى تېپىش ھەمدە بىر مىنۇتلۇق ۋىدىيودا پومپېيونىڭ خىتايغا قارشى سۆزلىرىگە «رەددىيە بېرىش» كە بۇيرۇلغان. ئۇقتۇرۇشتا ئېنىق قىلىپ «سۆزلىگۈچى جەزمەن پومپيونىڭ سۆزلىرىگە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن بەكمۇ غەزەپلەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈشى، شۇنداقلا كومپارتىيەنى ۋە جۇڭخۇا دۆلىتىنى قىزغىن سۆيىدىغانلىقىنى تەكىتلىشى لازىم» دېيىلگەن. بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن ئۇيغۇرلار بۇ خىل بيۇروكراتلىقنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ، ۋىدىيو ئارقىلىق مايك پومپېونى ئەيىبلەشكە مەجبۇر قىلىنغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر ئۇقتۇرۇشنى رەسىمگە تارتىپ بىرلەشمە ئاگېنتلىققا ئەۋەتىپ بەرگەن كىشى چېن خاۋيۈ ئىسىملىك بىر ئارىلاشما قانلىق خىتاي ياش بولۇپ، ئۇنى دوستلىرى «فىردەۋس» دېگەن ئۇيغۇرچە ئىسمى بىلەن چاقىرىدىكەن. ئۇ بۇ ئ‍ۇقتۇرۇشنى يوللاپ ئىككى كۈندىن كېيىن قولغا ئېلىنغان. بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ مۇخبىرلىرى بۇنى سۈرۈشتە قىلغاندا ساقچىلاردىن «چېن خاۋيۈ يالغان ئۇچۇر تارقاتقانلىقى ۋە كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ بۆلگۈنچىلىكنى تەرغىب قىلغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىندى» دېگەن جاۋابقا ئېرىشكەن. ئۇيغۇرچە، خىتايچە، ئىنگلىزچە قاتارلىق ئالتە-يەتتە خىل تىل بىلىدىغان بۇ ياشنىڭ دوستلىرىدىن بىرى «فىردەۋس شىنجاڭنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللىمايتتى. بۆلگۈنچىلىك ھەققىدىمۇ سۆز قىلىپ باققانلىقىنى ئاڭلىمىغانمىز. ئۇنىڭ پەقەت ئامېرىكاغا بېرىپ دوكتورلۇقتا ئوقۇش ئارزۇسى بار ئىدى» دېگەن.