مايك پومپېيو: «خىتايدىكى مۇسۇلمانلارنى باستۇرۇشقا شى جىنپىڭ يوليورۇق بېرىۋاتىدۇ!»
2020.06.23
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو 19-ئىيۇن كۈنى يەنە بىر قېتىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭ مەسىلىسىدىكى جاۋابكارلىقىنى تەكىتلەپ، خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيە نامايىشىنى باستۇرۇشنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى چۈشۈرگەن بۇيرۇق بويىچە ئوتتۇرىغا چىققان ھادىسە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. شۇنىڭدەك «خىتاي تەۋەسىدىكى مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان باستۇرۇش قىلمىشىغا شى جىنپىڭ يېشىل چىراغ يېقىپ بېرىۋاتىدۇ. ئۆز پۇقرالىرىنى باستۇرۇش قىلمىشى ھېچقاچان نوچىلىق ياكى دانالىق بولغان ئەمەس» دەپ كۆرسەتتى.
مايك پومپېيو بۇ سۆزنى دانىيەنىڭ پايتەختى كوپېنھاگىن شەھىرىدە خىزمەت زىيارىتىدە بولۇۋاتقاندا ئېيتتى. ئۇ تىۋىتتېر بېتىدە تارقىتىلغان نۇتقىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە كىم بىلەن نېمە توغرىلىق سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى ياخشى بىلىشى لازىملىقىنى، چۈنكى ھازىر بۇ ھادىسىنىڭ پۈتۈن دۇنياغىلا ئەمەس، ئامېرىكادىكى ھەر ساھەگە بەكمۇ ئاشكارا بولۇۋاتقانلىقىنى، خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيە تەلىپىنى قوپاللىق بىلەن باستۇرۇۋېتىشنىڭ خىتاي خىلاپلىق قىلىۋاتقان كۆپلىگەن خەلقئارالىق ئەھدىنامىلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
مايك پومپېيو سۆزىدە ھازىر خىتاي كومپارتىيىسى ۋە شى جىنپىڭنىڭ بىر قوللۇق لايىھەلىشى بىلەن ۋۇجۇدقا چىقىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ئەڭ زور سەۋىيەگە ۋەكىللىك قىلىۋاتقانلىقىنى، خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ھىندىستان چېگراسىدا ۋە قانۇنسىز زېمىن داۋاسى قىلىۋاتقان جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا جىددىي ۋەزىيەت پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى بۇنىڭغا تىپىك مىساللار قاتارىدا ئالاھىدە تىلغا ئالدى.
مەلۇم بولۇشىچە، مايك پومپېيو ھازىرغا قەدەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زىيانكەشلىكلىرىنى كۆپ قېتىم ئاشكارا ۋە كەسكىن ئىبارىلەر بىلەن تەنقىدلىگەن بولۇپ، ئۇنىڭ «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقانلىرى 21-ئەسىرنىڭ يۈزىگە چۈشكەن داغ» دېگەن سۆزى كۆپلىگەن مۇھاكىمە سورۇنلىرىدا نەقىل ئېلىنىۋاتقان مەشھۇر ئەقلىيەلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالماقتىكەن.