مايك پومپېيو: «ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان پاجىئەلەرگە ئەمدى خاتىمە بېرىش كېرەك!»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020.08.05

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قاتتىق قوللۇق باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى تاشقى دۇنيا ئارقىمۇ-ئارقىدىن «21-ئەسىردىكى يېڭى قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتاۋاتقاندا، بۇنىڭغا قارشى سادالار بارغانسېرى يۇقىرى پەللىگە چىقىشقا باشلىدى. ئامېرىكا ۋە كانادا ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدىكى مەيدانىمۇ بارغانسېرى كەسكىن تۈس ئېلىشقا باشلىدى.

4-ئاۋغۇست كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئۆزىنىڭ تىۋېتتېر بېتىدە ۋىدىيولۇق نۇتۇق سۆزلەپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى ھەمدە بۇنىڭ ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى مۇھىم نۇقتىلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتتى. ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلەرنىڭ مۇشۇ ئەسىردىكى ئەڭ زور ھەقلەر دەپسەندىچىلىكى ئىكەنلىكىنى، شۇ سەۋەبتىن ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى زۇلۇم ۋە باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىگە چېتىشلىق بىر قىسىم شەخسلەر ۋە مۇئەسسەسىلەرگە جازا ئېلان قىلغانلىقىنى، بۇنىڭدىكى ئاساسىي مۇددىئانىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىش دېگەندەك بىر قاتار قەبىھ قىلمىشلىرىغا چەك قويۇش ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.

ئۇ: «ئەگەر خىتاي دۇنيانىڭ سىياسىي سەھنىسىدىكى پائالىيەتلەرگە ئىشتىراك قىلىشنى ئىستىسە بۇ خىلدىكى قىلمىشلاردىن قولىنى تارتىشى لازىم،» دېدى. ئۇ يەنە ئۇيغۇر دىيارىدىن كېلىۋاتقان پاختا مەھسۇلاتلىرىغا چېتىشلىق تەمىنات زەنجىرى مەسىلىسىنى ئالاھىدە ئويلىشىش ھەققىدە ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى سودا شىركەتلىرىگە ئالاھىدە چاقىرىق قىلدى.

شۇ كۈننىڭ ئۆزىدە كانادا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى گارنېت جىنيېس ئۆزىنىڭ فېيسبۇك (يۈزدىدار) بېتىدە كانادا پارلامېنت بىناسىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىندا ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆزلىگەن نۇتقىنى ھەمبەھىرلىدى. ئۇ نۇتقىدا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلەرنىڭ ھەقىقىي مەنىدىكى قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى بىرنەچچە جەھەتتىن چۈشەندۈرۈپ: «شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەقەلەر ئېرقىي ۋە مىللىي ئالاھىدىلىكنى باھانە قىلغان بىر قېتىملىق قىرغىنچىلىقنىڭ مۇشۇ مىنۇتلاردا داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە،» دېدى. شۇنداقلا كانادا ھۆكۈمىتىنى ھازىرقىدىنمۇ كۈچلۈك بولغان تەدبىرلەرنى ئېلىش ئارقىلىق «ھەرگىز قايتىلانمايدۇ» دېگەن تارىخىي ۋەدىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا چاقىردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.