مايك پومپېيو: «ئامېرىكا ئۈچۈن بىردىنبىر زور تەھدىت خىتاي كومپارتىيەسى»

ئامېرىكا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئامېرىكا ۋە دۇنيا ئۈچۈن ئەڭ زور تەھدىتلىكىنى ھەر پۇرسەتتە تەكىتلىمەكتە. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 26-ئاۋغۇست كۈنى تىۋىتتىر ئارقىلىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ خىتاي ھەققىدىكى سۆزىنى ھەمبەھىرلىگەن.

ئۇنىڭدا: «ئامېرىكاغا نىسبەتەن بىردىنبىر زور تەھدىت خىتاي كومپارتىيەسىدىن ئىبارەت. پرېزىدېنتىمىز دونالد ترامپ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كۆرۈلگەن غايەت زور ئىنسان چىقىمى ۋە تىرىليون دوللارلىق ئىقتىسادىي زىيان ئۈچۈن ئۇلارنى جاۋابكارلىققا تارتىشنى نىشان قىلىۋاتىدۇ» دەپ يېزىلغان.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىزچىل ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئەڭ دەسلەپتە ۋىرۇسقا ئائىت ئۇچۇرنى قامال قىلىپ دۇنياغا دەرھال ئاگاھلاندۇرۇش بەرمىگەچكە ۋىرۇس پۈتۈن دۇنياغا يامراپ، مىليونلىغان ئىنساننىڭ ھاياتى ۋە ئىقتىسادىغا زور زىيانلارنى ئەپ كەلگەنلىكىنى تەنقىد قىلىپ كەلمەكتە.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بىر قانچە كۈن ئالدىدا ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ قۇرۇلتىيىدا خىتايدىن تارقالغان تاجسىمان ۋىرۇسنى «خىتاي ۋىرۇسى» دەپ ئاتىغان ۋە «دۇنياغا زور زىيان سالغان خىتاي كومپارتىيەسى ئادالەت ئالدىغا چىقىرىلغۇچە توختاپ قالمايمىز» دەپ تەكىتلىگەن. ئۇ شۇنداقلا پرېزىدېنت ترامپنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئامېرىكانىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى، ئىقتىسادى ۋە ئىنسانلارنىڭ ھۆرلۈكىگە زور تەھدىت ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يەتكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ ئۇنىڭ بۇ جەھەتتە قىلىۋاتقان خىزمەتلىرىگە يۇقىرى باھا بەرگەن ئىدى.