مايك پومپېيو كارب دېڭىزى دۆلەتلىرىنى خىتاينىڭ قەرز قىلتىقىدىن ئاگاھ بولۇشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020.01.22

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو 21-يانۋار كۈنى كوستارىكادا رەسمىي زىيارەتتە بولغان ئىدى. ئۇ كوستارىكادا قىلغان نۇتقىدا كوستارىكا ۋە باشقا كارىب دېڭىزى دۆلەتلىرىنى خىتاي تەھدىتى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان.

مايك پومپېيو سۆزىدە «خىتاينىڭ مەبلىغى قەرز پاتقىغى، بېقىندىچىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئۇ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئاجىزلىتىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن ۋە بۇ دۆلەتلەرنى خىتاي ئورنىغا ئامېرىكا بىلەن بولغان ھەرساھە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە رىغبەتلەندۈرگەن.

22-يانۋار چارشەنبە كۈنى خىتاي تەرەپ بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، مايك پومپېيونىڭ سۆزلىرىنى ئەيىبلىگەن. رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ كوستارىكادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى رەسمىي بايانات ئېلان قىلىپ، مايك پومپېيونىڭ سۆزلىرىنى «مەسئۇلىيەتسىزلىك» دەپ ئەيىبلىگەن ۋە ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ھېچقانداق ئاساسى يوق، دەپ تەكىتلىگەن.

بىراق، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چارشەنبە كۈنى كارب دېڭىزى دۆلەتلىرىگە قاراتقان زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى يامايكىدا قىلغان رەسمىي نۇتقىدىمۇ ئوخشاش سۆزلەرنى تەكىتلىدى. ئۇ يامايكا پايتەختى كىڭىستوندا بەرگەن «ئامېرىكانىڭ كارب دېڭىزىدىكى ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىش» ماۋزۇلۇق نۇتقىدا ئوخشاشلا رايون دۆلەتلىرىنى خىتاينىڭ ئۇنىڭ قەرز قىلتىقىغا چۈشمەسلىك ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى. ئۇ «خىتايدەك دۆلەتلەردىن قەرز ئېلىش بەك ئاسان ئەلۋەتتە بۇ بەك ياخشى. لېكىن ئۇنىڭ نەتىجىسى نېمە بولىدۇ. بولۇپمۇ بۇ دۆلەت چىرىك ۋە ئۇ سىزنىڭ قانۇنلىرىڭىزنى كۆزگە ئىلمىسا، ئۇلارنىڭ مەبلەغلىرى سىزنىڭ مۇھىتىڭىزنى بۇلغىغاننى ئاز دەپ، سىزنىڭ پۇقرالىرىڭىزغا ئىش پۇرسىتى بەرمىسە بۇنىڭ نېمىسى ياخشى. مەنچە سىلەرنىڭ ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى شېرىكلەرنى تاللاش ئىمكانىڭلار بار» دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.